فۇكۇشىما 1-ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2011-يىلى ‹‹ 11-مارت ›› تىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدە رادىياتسىيە ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. 2015-يىلى 2-ئايغىچە شۇ قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئىۋاتې، مىياگى ۋە فۇكۇجىما ناھىيەلىرىدە جەمئىي 15 مىڭ 823 ئادەم قازا قىلغان، 2586 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
نۆۋەتتە، تەخمىنەن 229 مىڭ ئادەم بۇ ئۈچ ناھىيەنىڭ سىرتىدا پاناھلانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە فۇكۇجىما ناھىيەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار يېرىمنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 120 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. گەرچە ئاپەت يۈز بەرگىنىگە تۆت يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن يادرونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان فۇكۇجىما ناھىيەسىنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرى تېخى ئەمدى باشلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved