ماربول: شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت

سوخۇ تورى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى. ماربول (بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى) يېقىندا جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تورىنىڭ مېھمىنى بولدى. ئۆتۈپ كەتكەن بۇ پەسىللىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئەسلىگەندە ماربول شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىرادىسىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە شىنجاڭ كوماندىسى بولسا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدە «پادىشاھلىق دەۋرى» يارىتىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەن.

 

ماربولنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك كوماندىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پۇل خەجلەشتىن قورقماسلىق كېرەك بۇلۇپ، پۇلنى خەجلىگەن ئىكەن چوقۇم ئەڭ جايىغا خەجلەش كېرەك. شىنجاڭ كوماندىسىدا دەل پۇل كەم ئەمەس، ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى كەلگۈسىدە پۇلنى تېخىمۇ جايىغا خەجلەپ پۈتۈن كۈچىنى كوماندىنى ياخشى باشقۇرۇشقا قاراتسا ئۇنداقتا شىنجاڭ كوماندىسى دەل بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدە«پادىشاھلىق دەۋرى» قۇرۇش يولىدىكى ئەڭ ھەيۋىسى بار يولۋاس بولۇپ قالىدىكەن.

 

«شىنجاڭ كوماندىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت. چۈنكى ئۇلار پۇل خەجلەشكە كەلگەندە قەتئىي پىخسىقلىق قىلمايدۇ. مەسىلەن توپچى سېتىۋېلىش جەھەتتە بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق توپچى سېتىۋالالىسا، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ياخشى بولغان مەشقاۋۇل بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇۋاپىق سىستىمىلىق بولسا دېمەك ئۇلار غەلبە قىلغان بولىدۇ.

ئەگەر سىز پۇل خەقلەشتىن قورقسىڭىز ياكى كۆزىڭىز قىيمىسا ئۇنداقتا سىز بۇ ساھەدە كۈچلۈك بولغان بىر كوماندا قۇرىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.» دەيدۇ ماربول شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ.

 

پۇل خەجلەشكە پىخسىقلىق قىلماسلىق، يەنە قانداق قىلىپ پۇلنى تېخىمۇ جايىغا خەجلەش بۇ بىر ھالقىلىق مەسىلە. ماربول زىيارەت داۋامىدا ئىلگىرى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ مەشىق ئۆيى ۋە توپچىلارنىڭ تەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. شۇ چاغدا ئاشۇ مەزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.چۈنكى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ياخشى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بەزى ماس مەشىق ئەسلىھەلىرىمۇ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا بۇلۇپ، دەل مۇشۇ مەسىلە بېيجىڭ كوماندىسى چوقۇم ھەل قىلشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىدۇر.

 

ماربول يەنە مۇنداق دېدى:« ئەگەر سىز پۇل خەجلەشكە پىخسىقلىق قىلىپ يەنە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمەن دېيىشىڭىز ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەندەكلا بىر ئىش. بۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇ دەل گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ نېمىشقا ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.چۈنكى ئۇلار پۇل خەجلەشكە پىخسىقلىق قىلماي پۇلنى دەل جايىغا يەنى ئىپادىسى ياخشى توپچىلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ. ياخشى ئەسلىھە، ياخشى مۇلازىمەت توپچىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان مەشىق مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

مەن گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى كۆرگەندە ھەيران قالدىم.ئۇلارنىڭ پارلىق مۇنچىسى، يىلمان سۇلىق مۇنچىسى قاتارلىقلار تۇلۇق ئىكەن.ئۇلار تېز سۈرئەتتە بەدەن ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىلىدۇ.بىراق سىز تېز سۈرئەتتە بەدەن ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىلمەيسىز.بۇنداق بولغاندا سىز ھەر قېتىم مۇسابىقىلەشكەندە ئۇلار يېڭىۋالىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بولسا توپچىلارنىڭ بەدەن كۈچى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتۇرۇشقا مۇھتاج.

دەل مۇشۇلار مېنىڭ بېيجىڭ كوماندىسىغا ئېلىپ كېلىشنى ئويلايدىغانلىرىم. بېيجىڭ كوماندىسى چوقۇم ئىلغار مەشىق ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈشى كېرەك. ئەگەر سىز كۈچلۈك كوماندىغا ئايلىنىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم مۇشۇنداق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق كوماندىڭىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج بولىسىز.»

 

سوخۇ تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
09-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: سوخۇ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek