يېقىنقى 20 يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2010-يىلىغا قەدەر ئامېرىكىدىكى ھامىلدارلىق نىسبىتى ۋە بالا چۈشۈرۈش نىسبىتى تەڭ ھالدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان.يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە بالا چۈشۈرۈش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىنى ياراتقان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە 2010-يىلى ھامىلدارلارنىڭ سانى تۆۋەنلەپ 6 مىليون 155 مىڭ بولغان، بۇ 1986-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە.
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە ستاتىستىكا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارى كېئون ۋە جويس ئابۇما قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرىشىچە «2010-يىل ئامېرىكىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، 15 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئارىسىدا ھەر مىڭ ئايال ئىچىدە ھامىلدار بولغانلارنىڭ نىسبىتى 98.7، بۇ 1976-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە، 1990-يىلىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن %15 تۆۋەن» دېدى.
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى قارمىقىدىكى دۆلەتلىك سەھىيە ستاتىستىكا مەركىزى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بالا چۈشۈرۈش نىسبىتى %35 تۆۋەنلىگەن، 15 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئىچىدە ھەر مىڭ ئايال ئىچىدە 17.7 ئايال بالا چۈشۈرگەن.
كېئون:«بالا چۈشۈرۈش نىسبىتى 1980-يىلى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز چۈشۈۋاتىدۇ».
«يۇقىرى ئۈنۈم»لۈك ھامىلدار بولۇشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن.
گەرچە بۇ تەتقىقاتتا ئىشلىتىلگەن ئەڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلار 2010-يىلىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ لېكىن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى بالا تۇغۇش نىسبىتى %1 ئۆرلىگەن، بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن يۇقىرى ياشتىىكى ھامىلدار ئاياللار كۆپەيگەن.
تەتقىقاتچىلار ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرمىدى، لېكىن باشقا تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى يېرىم ھامىلدار بولغۇچىلار ھامىدار بولۇش پىلانى يوق ۋاقىتتا قورساق كۆتۈرۈپ قالغان. ئامېرىكىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بالا تۇغۇش نىسبىتى بولسا بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يەتتە ھەسسىگە باراۋەر.
«ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى شىتاتتىكى ئېھتىياتسىزلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى چۈشىۋاتىدۇ، بۇ ئەسلىدە ھامىلدار بولۇش نىسبىتى يوق ھالدا ھامىلدار بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىگە ئوخشاشلا تەسىر كۆرستىدۇ».
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved