ئېفىئوپىيە فېدېراتىپ خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى خەيلې مارىيام ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ، ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئەزىز ، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما ، نىگېرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوناسېن ، ئانگولا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دوسسانتوس ، كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كېنياتالارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ماي چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ، ئېفىئوپىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقنىڭ باش ئىشتابى ، نىگېرىيە ، ئانگولا ، كېنىيەدە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى . بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋابنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، لى كېچياڭ يەنە نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ .
لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭمۇ زىيارەتكە بىللە ماڭدى . بۇ لى كېچياڭنىڭ زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خانىمىنى چەت ئەل زىيارىتىگە بىللە ئېلىپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ .
لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېن خۇڭ ھەققىدە
چېن خۇڭ 1957-يىلى تۇغۇلغان ، 1982-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ، ئەدەبىيات دوكتۇرى ، پىروفېسسور ، پايتەخت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بولغان ، ئاساسلىقى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ، تەبىئەت ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئېكولوگىيە تەنقىدچىلىكى تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە مەكتەپ ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، ئامېرىكا تەبىئەت ئەدەبىياتى تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان . چېن خۇڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقاندا لى كېچياڭ بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان ، ئىككىيلەننىڭ ھازىر بىر قىزى بار .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved