دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭلىسى شەرف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ، جۇڭگو-پاكىستاننىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى
شىنخۇا تورى، ئىسلامئاباد، 20-ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل ئىسلامئابادتا پاكىستان زۇڭلىسى شەرف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ، جۇڭگو-پاكىستاننىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-پاكىستان باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردە تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. تېخى يېقىندىكى يەمەندىكى مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىدە جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ياردەم بەردى. جۇڭگونىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى نۇرغۇن پاكىستانلىقنىڭ ئېدىن پورتىدىن چېكىشنىگە يارەم بەردى، پاكىستان ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ سەككىز نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ مۇكارا پورتىدىن چېكىنىشىگە ياردەم بەردى. بۇ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پاكىستان مېنىڭ بۇ يىلقى چەت ئەل زىيارىتىمنىڭ تۇنجى بېكىتى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشىگە قويىدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن شەرف جۇڭگو-پاكىستان كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر تېخنىكىسى دۆلەتلىك بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى، ئىسلامئاباد جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ھەمدە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلۈك لىنىيە تۇتاشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزكۈق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات››قا ئىمزا قويدى ۋە ئېلان قىلدى، 50 تىن ئارتۇق ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved