ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەدىكى كونترول قىلىپ تۇرغان زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى كۈچىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن سۇرىيە كىرىزىسى كەسكىنلىشىپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدىكى كونترول قىلىپ تۇرغان زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
باش ئىشتابى ئەنگلىيەدە تەسىس قىلىنغان سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 1-ئىيۇل مۇنداق دېدى: 5-ئاي، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سۇرىيە كىرىزىسىدىكى ئەڭ قانلىق بىر ئاي بولۇپ، ئاز دېگەندە 6 مىڭ 657 كىشى ئۇرۇشتا قازا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئەقىل ئىسكىلاتى بولغان، ئۇرۇش تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مەزگىللىك سۇرىيەدىكى قۇرۇقلۇق ئۇرۇش ئەھۋالىدىن ئايان بولدىكى، سۇرىيەدىكى ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پارچىلىنىپ قارشىلىشىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ كۈچىيىپ، پان ئەسەبىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ پارچىلىنىش ئەھۋالى تەدرىجىي روشەنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇرۇش ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئارىلىشىش كۈچى بىر قەدەر ئاشتى. ئۇرۇش مەيدانىدىكى قالايمىقانچىلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى.
ئەسەبىي كۈچلەر كونترول قىلغان رايونلار كۆپەيدى.
يېقىندىن بۇيان، پان ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتلار سۇرىيەدە ئايرىۋالغان خەرىتىسىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كېڭەيدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى مەشىقتىن خورمۇسقا بارىدىغان تاش يولنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىكى بېكەن تارتۇس، لاتاجىيا قاتارلىق دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرنى كونترول قىلدى. ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى شىمالىي قىسىمدىكى راكا شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، شىمالدىن سۇرىيە چېگراسىنى، جەنۇبتىن خومۇس ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى، شەرقتىن سۇرىيە چېگراسىنى، غەربتىن ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنى كونترول قىلدى، بازا تەشكىلاتىغا قاراشلىق قوللاش فىرونتى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىدىرىف ئۆلكىسى بىلەن ھەلەپ، خاما ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم رايونىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە. ئۇندىن باشقا، سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي چېگراسىدىكى مىكاشىل قاتارلىق بازارلارنى كورد قوراللىق خادىملىرى كونترول قىلماقتا.
ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلات كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندا ئىككى خىل ئالاھىدىلىك ئايان بولدى. 1- بۇ زېمىن كەڭ، ئادەم ئاز. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق، سۇرىيە بىلەن ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنى كونتروللۇقىنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ يۆتكىلىشى يەنىمۇ كۈچەيدى. 2-، ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى بىلەن ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى. قوللاش فرونتى جانلىنىۋاتقان ئىدىرىف قاتارلىق شىمالىي ئۇرۇش مەيدانىدا كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان كۆپلىگەن قوراللىق گۇرۇھلار ھەرىكەت قىلماقتا. ئەسكەر مەنبەسى جىددىي بولۇۋاتقان سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ئىلىپ ئېيتساق، يۇقىرىقى رايونلارنى ئىگىلىشى ۋە ساقلاپ تۇرۇشى قىيىنغا چۈشۈۋاتىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، مەيلى ئۇرۇش تاكتىكىسىدىن بولسۇن ياكى ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن بولسۇن، ئەسەبىي كۈچلەر سۇرىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللىشى ۋە پىلانلىشى تېخىمۇ ئېنىق بولماقتا. ئىراقلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى ھاشىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى يېڭى ھۇجۇم قوزغىغاندا دائىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە سىڭىپ كىرىشىدىن پايدىلانماقتا. سۇرىيەلىك بىر نوپۇزلۇق تاراتقۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەربابىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ تىنچ رايونلارغا ھۇجۇم قىلىش قېلىپىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي قىسىمدىكى ئەنبارنى ئىگىلىگەن. پۇقراچە ياسانغان قوراللىق ئۇنسۇرلار كۆپ قېتىم ئەنبارغا كىرىپ رازۋېدكا قىلىپ ئاخبارات توپلىغان.

ۋاكالەتچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچەيگەن.
ئۇرۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئارقا تەرەپتىن قوللايدىغانلار كۈنسېرى كۈچىيىپ، سۇرىيەدە ۋاكالەتچىلار ئۇرۇشىنىڭ تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.
لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش كۈچى يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى سۇرىيە بىلەن ئىراقتا كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىۋالدى. ئۇ، سۇرىيە بىلەن لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ دوست دۆلەت بولۇپ، ئەسەبىي تەشكىلاتقا بىرلىكتە زەربە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئىراندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ھىلال ئاي ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان ئاللاھ پارتىيەسى 2013- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇرىيەگە كېرىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيەسىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشىگە مەخپىي ياردەملەشتى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرا قىسىم رايونىنىڭ لىۋان بىلەن چېگرىلانغان كارامىن رايونىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن قوللاش فىرونتىغا ھۇجۇم قوزغىدى. نەسرۇللامۇ تاراتقۇلار ئارقىلىق سۇرىيەگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى ئاشكارىلىنىشى، بىر جەھەتتىن ۋەزىيەتنىڭ بىر ئاز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى،
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ سىرتقا بولغان تەسىرىدە، بۇ ئىككى ئىتتىپاق ئوتتۇرسىدىكى يېقىن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ روشەنلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسىمى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى سۇرىيە سۇرىيەنىڭ ياراتاجىيا رايونىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 1500 ئەسكەر ئەۋەتكەن، بۇنىڭدىن مەقسەت سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقا سېپىنى مۇستەھكەملەشكەن. قوغدىنىش قىسمىنىڭ قوماندانى ھاشىم، سۇلايمانمۇ يېقىندا سۇرىيەنىڭ ئارمىيە تەرەپ ۋە ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى بىلەن بىرلىكتە خام ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن راتاجىيا ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇجاد 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دەمەشقتە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ سۇرىيەنى قوللىشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئىران بىلەن سۇرىيە ئوتتۇرسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ھېچقانداق كۈچ تەسىر كۆرسىتىلمەيدۇ. ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئېلېكتىر كۈچى، سانائەت، ئېنېرگىيە ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھنى مەشىق قىلدۇرۇش پىلانىمۇ ئايرىم ئايرىم ھالدا يېقىندا تۈركىيە بىلەن ئىئوردانىيەدە باشلاندى. ئامېرىكا ئۈچ يىل ئىچىدە تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئەرەبتە سۇرىيەدىكى مۆتىدىل گۇرۇھنىڭ قوراللىق خادىملىرىدىن 15 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەشنى ۋە ئۇلارنى قۇراللاندۇرۇشنى پىلانلىدى. 5-ئاينىڭ باشلىرى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى، بۇ ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ قوراللىق خادىملىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە زەربە بېرىدۇ دېدى. سىرتقى كۈچلەرنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن، سۇرىيە كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىش ئارقىغا سۈرۈلمەكتە.

سىياسىي مۇساپىدە گۈلدۈرى چوڭ، يامغۇرى ئاز بولماقتا.
سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا. سۇرىيەدە چىقىدىغان ۋەتەن گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇچ كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتتە، سۇرىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىلى 27-ماي قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئاستانا خىتابنامىسىنى ئىمزالىغان، سۆھبەتكە قاتناشقانلار سۇرىيە توقۇنۇشىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق چەتئەل قوراللىق قىسىملىرى سۇرىيەدىن چېكىنىشى، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىغا، بۇندىن ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق موسكۋا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش خاراكتېرلىك ھۆججەتكە ئەمەل قىلىشى، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش، ئەڭ ئاخىردا دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەلەشكەن ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت دائىرىسىدە بىرلىككە كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش فىرونتىنى بەرپا قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 25-ماي تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن بىردەك: ئەسەبى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىلىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى ياراشتۇرۇش سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى، ھەمدە سۇرىيەدىكى مۆتىدىل گۇرۇھلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلدى.
دەمەشق ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى باسام مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ زورىيىشى سىياسىي مۇساپىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆپ قېتىم سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ گۈلدۈرى چوڭ، يامغۇرى ئاز بولدى. ئۇرۇش مەيدانىدا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەسەبىي گۇرۇھلار سىياسىي جەھەتتە يارىشىشنىڭ ئوبيېكتى بولماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولدى. ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيە مەسىلىسىدە تېررورلۇققا قارشى تۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنىڭ تەدرىجىي يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 6- ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە بىلەن يەمەندىكى ئىچكى ئۈرۈش بازا تەشكىلاتىنىڭ بۇ يەردىكى ئىككى چوڭ تارمىقىغا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچنى تەدرىجىي كېڭەيتىش ۋە شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاخبارات ئەمەلدارى بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ سۇرىيە بىلەن يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىنى كۈچەيتىۋېتىپ، بۇ بازا تەشكىلاتى سۆھبىتىنىڭ بۇندىن كىيىن شۇ يەردىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىلانلاپ بىرىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇرىيەدىكى بازا تەشكىلاتى بولغان غەلىبە فرونتى غەربىي شىمالى قىسىمدىكى ئاساسلىق رايوننى ئىشغال قىلىپ، ھەر قايسى ئىنقىلاب ئارمىيەسى تەشكىلاتىدا رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان، يەمەندىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىمۇ مۇھىم ئۆلكىلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەربىي بازا ۋە ئايرودۇرۇملارنى كونترول قىلغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: غەلىبە فىرونتى بىلەن كائىدا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە ھەمدە شۇ يەردىكى پۇقرالارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ خەلقنى قوغدىغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش يولىدا تىرىشماقتا.
يەمەن پۇقرالىرى ئىزچىل تۈردە جۇسەي ئاسىيلىق قىلغۇچى ئارمىيەسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلمەكتە، سۇرىيەدىكى پۇقرالار ئىران تەشكىلاتىنىڭ ھەيۋىسىگە ئۇچرىماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە، بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسى غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلسا، غەلىبە فرونتى دىققىتىنى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا بۇرىدى. بۇ ئىككى تەشكىلات پۇقرالار لۇشيەنىدە ماڭىدىغان بولسا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىن ساقلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئايرىشى كېرەك. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇنداق قىلىش كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشىدىن، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ زورىيىپ ھەربىي ھەرىكەتتە نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت.
بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى خادرۇمائۇت ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى مۇكاللادا خۇسەي توپىلاڭچى ئارمىيەسى بىلەن ئۈرۈش قىلماقتا. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلۈنۈشى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەتتا خوسەي ئارمىيەسىگە يېقىنلىشىش، ئاساسلىق قىسىمنىڭ خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ يەمەن ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى، بىراق ئۇرۇش قىلىش ئوبيېكتى يەنىلا قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بولدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەلىبە فىرونتىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ تولۇقلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: بازا تەشكىلاتىنىڭ شىمالدا ئۈزلۈكسىز زورىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ غەلىبە فىرونتى بىلەن سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش.



خەتكۈچلەر:
10-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek