فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىس 7-ئىيۇل تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ گىرېتسىيەنى ياۋرو رايونىدا ئېلىپ قالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە كىشىلەرنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى خېيىم خەتەرنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ناۋادا گىرېتسىيە ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقسا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا خېيىم خەتەر ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ئويلىمىغان سىياسىي خېيىم خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىز گىرېتسىيەنىڭ ئايرىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. ۋالىس گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپۇراسنىڭ ياۋرو رايونى گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋەدىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئىسلاھات يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved