لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە »ئەينەك گىزىتى « نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا،بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ھىندونېزىيىلىك ئەر ئىلھام ئاناس ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ئوبامانى دوراپ پۇل تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، بىراق ئۇ چىراي-تۇرقى ئوباماغا بەك ئوخشىغانلىقتىن بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلھام ئاناس ئوباماغا بەك ئوخشىغانلىقتىن كىشىلەر دائىم ئۇنى ئوباما دەپ خاتا تونۇپ قالىدىكەن، ئايرودرومدىكى كىشىلەر دائىم ئۇنى ئوباما دەپ خاتا تونۇپ قېلىپ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان
ئۇ يەنە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالستۇك تاقاپ ماڭسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئوباما دەپ قالىدىغانلىقىنى، ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى چېغىدا لىفتقا چىققاندا لىفتتىكى بىر موماي ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قېلىپ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قالغان.
ئىلھام ئاناس ياش-ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى فوتوگرافى بولۇپ، ئۇ ئوباماغا بەك ئوخشىغانلىقتىن ھىندونېزىيىدە ئازدۇر-كۆپتۇر قالايمىقانچىلىق پەيدا بولغان، ھىندونېزىيىدە مۇسۇلمانلار كۆپ، ئىلھام ئاناسمۇ مۇسۇلمان ئىكەن، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنىڭ ئوباماغا ئوخشىغانلىقى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان.
ئوباما تۇنجى قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغاندا خىزمەتداشلىرى ئىلھام ئاناسنى سەن ئوباماغا بەك ئوخشايسەن دەپ ئۇنىڭ رەسىمى بىلەن ئوبامانىڭ رەسىمىنى شۇ جايدىكى بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان، شۇنىڭدىن كىيىن ئىلھام ئاناسنىڭ بىردىنلا داڭقى چىقىپ كەتكەن، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋە ئېلان ئىشلىگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved