ئۇگاندادىكى ئۆلتۈرۈلۈپ ئەزالىرى ئېلىۋېلىنىدىغان بىچارە بالىلار

         ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەزالىرى ئېلىۋېلىنغان قىزچاق كارولىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىمىنى ئېلىپ، قىزىنى سېغىنغان. ئۇگاندا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى ئېزىپ قالغان. ئۇلار قارىغۇلارچە خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئادەم ئەزاسىنى قۇربانلىق قىلغاندا ئىلاھنىڭ ئۇلارغا ساغلاملىق ۋە بايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىش ھەمدە ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىنىدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بارغانچە كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، ئۇگاندا ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە ئۆتكەن يىلى مۇشۇنىڭغا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

        بىر قۇشنىڭ جەسىتى پېرىخون ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈش. ئۇگاندانىڭ شەرقىدىكى بىر بازاردا بۇ يىل 1-ئايدا بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، سەككىز ياشلىق قىز كارولىن ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئويناۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان، يەنى قوشنىسى ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ ئېلىپ كەتكەن. نەچچە كۈندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ بۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقتىن بۇ قىزنىڭ جەسىتىنى تاپقان. ئۇنىڭ تىلىنى كېسىۋالغان بولۇپ، باشقا ئەزالىرىمۇ تولۇق ئەمەسكەن. ئۇگاندا ساقچى تەرەپ بۇ قىزنىڭ ئاللىقاچان يەرلىكتىكى خۇراپاتلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگەن. 

          پېرىخون Musa Nsimbe ئۆيىدە ئولتۇرغان كۆرۈنۈش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇگاندادا تۇتقۇن قىلىپ ئەزالىرىنى كېسىۋالىدىغان دېلولار كۆپەيگەن بولۇپ، كېسىۋېلىنىدىغان ئەزالار ھەمىشە يۈز قىسمىدىكى ئەزالار ياكى كۆپىيىش ئەزالىرى ئىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ خىل ئەھۋاللار بالىلارنىڭ بېشىغا كۆپرەك كېلىدىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 15 نەپەر بالا ۋە 14 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشى مۇشۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، 2007-يىلى بۇ سان پەقەت ئۈچ نەپەر ئىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەسمىي بولمىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەن. ئۆتكەن يىلى جەمئىي 154 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 نەپەر كىشى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلغان.

       ساقچى ئەمەلدارى Moses Binoga (سولدا) ۋە مۇئاۋىن كەنت باشلىقى Margareth Kabuye (ئوڭدا) خەلققە بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى مۇشۇ ئايدا ئاشكارلىغان دوكلاتقا قارىغاندا، ئامېرىكا 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ئىككى مىڭ نەپەر ئۇگاندا ساقچىسىنى ئۆتكەن يىلى ئادەم بېدىكى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇراسىمى دېلولىلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خەلق ئاممىسى ئۇگاندا ساقچىلىرىنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئاغرىنغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى تەبىئىيلا ئادەم تۇتقۇن قىلىپ ئەزالىرىنى ئېلىۋالىدىغان بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تۈزىتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىكەن.

       كەنت ئاھالىلىرى يىغىندا ساقچى تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پىسخولوگلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىل ئەھۋالنى «پىسخىكىلىق ئېزىش» دېيىشكە بولىدىكەن. كىشىلەر نىشانىدىن ئېزىپ قالغاندا، ئىنسان تەبىئىتىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار پەقەت پېرىخون ۋە ئىلاھنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بىر ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان دادا ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتىل، داۋالىغۇچى ئەمەس ھەم ئىلاھمۇ ئەمەس.» دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل قۇربانلىق قىلىش يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، گابون قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek