6-7-ئايلاردا كۆكتات سېتىۋالساق، باھاسى خېلى ئەرزان ئىدى، 8 - ئاي كىرىشى بىلەنلا شوخلا، مۇچ، يېسسىۋېلەك، پالەك قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ كەتتى، −− دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى باغچە شىمالىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلبەر تۇراپ.
8 - ئاي كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم شەھەر ئاھالىسى ئاممىغا قولايلىق يارىتىۋاتقان كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا كۆكتات باھاسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. مەن كۆكتات باھاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە، 24 - ئاۋغۇست مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باغچە شىمالىي يولىغا جايلاشقان كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8 - ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كۆكتات باھاسى ئىزچىل ئۆسكەن بولۇپ، بەزى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ ئالدىنقى ئايدىكى باھانىڭ ئىككى - ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
«بېييۈەنچۈن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ باھا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ بېشىدا ھەر كىلوگىرام پالەك 7 يۈەن بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە كەلگەندە، 7.5 يۈەنگە ئۆسكەن. 8 - ئاينىڭ بېشىدا ھەر كىلوگىرام شوخلا 6. 1 يۈەن بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە كەلگەندە 2. 3 يۈەنگە ئۆسۈپ، باھا بىر قاتلانغان.
قىسقىغىنا 20 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات باھاسى مانا مۇشۇ سۈرئەتتە ئۆسكەن.
بازاردىكى بىر خوجايىننىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىپ كېتىشى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى كېمەيگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقتا يېشىل كۆكتاتلار قۇرۇپ ياكى سېسىپ كەتكەنلىكتىن، كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىكى بىر مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، قىسمەن كۆكتاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بىر قەدەر ئۇزاق بولغاچقا، تەمىنلەش مىقدارى ئازىيىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆكتات باھاسى ئۇدا تۆۋەن ھالەتتە تۇرغاچقا، كېيىنكى مەزگىللىك نورمال تېرىقچىلىققا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىدە كۆكتات ھوسۇلى ئازىيىپ، ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچى بازىرىغا كىرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تەننەرخى ۋە توپ باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ كەتكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved