تۈركىيە شۇ يەر ۋاقتى، 3-ئاينىڭ30-كۈنى سەھەر سائەت يەتتىدە(بېيجىڭ ۋاقتى 13:00) بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان تۈركىيە مەملىكەتلىك يەرلىك سايلىمىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.
بۇ قېتىمقى سايلام ھارپىسىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ پارا ئالغانلىق سەتچىلىكىنى يۇشۇرغانلىقى بەس مۇنازىرە قىلىندى، شۇنداقلا بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا خەلقنىڭ نارازىلىقى قوزغالدى، پارتىيەلەر ئوتتۇرسىدىكى ۋەزىيەتمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى.
بۇ قېتىملىق سايلام --خەلق رايىنى سىنايدىغان ھالقىلىق ۋاستە. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، تۈركىيەدە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، شۇڭا بۇ قېتىملىق سايلامىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى چىڭ تۇتۇلدى. مەيلى قايسىلا پارتىيە بولسۇن، بۇ سايلامغا ئالاھىدە دىققەت بىلەن قارايدۇ، ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلەردە بېلەت تالىشىش ۋە بېلەتنى ئۆزىگە قارىتىش ھەرىكىتى قىززىپ كېتىدۇ.
2002-يىلى ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن12 يىل مابەينىدە نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەسىگە يۇلۇقتى، ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بىراق ئۇ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيىنىڭ قوللاش بېلەت سانى ئازىيىپ قالمىدى،ئەكىسچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلدى.
12-ئايدا ئاشكارلانغان پارخورلۇق مەسىلىسىدە، ئەردوغان چوڭ كۆلەملىك تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ مىنىستىرنى ئالماشتۇردى، مۇھىم شەھەرلەرنىڭ شەھەر باشلىقلىق ئورنىنى رەتلەپ كۆرسەتتى.
تۈركىيە كېلەر يىلى پارلامېنىت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ئۈچ پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى، تۈركىيەنىڭ سايلام قانۇنىغا ئساسەن، بېلەتنىسبىتى 33%دىن يۇقىرى بولغان پارتىيە ئۆز ئالدىغا قانۇن يۈرگۈزىدۇ، ئېرىشكەن بېلەت سانىنىڭ نىسبىتى 10%دىن تۆۋەن بولغان پارتىيە ،پارلامېنىت سايلىمىغا قاتنىشالمايدۇ، ھازىر تۈركىيە پارلامېنىت سايلىمىدا 550 پارلامېنىت ئورنى بار .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved