چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا پيۇڭياڭ كۆكتاتچىلىق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : چاۋشيەن ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا پيۇڭياڭ كۆكتاتچىلىق مەخسۇس ھەمكارلىق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . خۋاڭ پيۇڭسو، پاك بوڭجۇ قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولغان .
چاۋشيەننىڭ مەرھۇم رەھبىرى كىم ئېرسېن بۇ كۆكتاتچىلىق مەيدانىنى 16 قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن ، مەرھۇم رەھبەر كىم جوڭئېلمۇ بۇ كۆكتاتچىلىق مەيدانىنى تۆت قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن . ھازىر بۇ كۆكتاتچىلىق مەيدانى دەۋر ھالقىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ ، يېڭىدىن 10 نەچچە كۆكتات لاپاسلىرى قۇرۇلغان ، يەنە ئەسلىدە بار بولغان لاپاسلارمۇ ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ ، بۇ كۆكتاتچىلىق مەيدانىنى پيۇڭياڭ شەھەر خەلقىنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىش بازىسىغا ئايلاندۇرغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved