23-مارت سائەت 10 دا، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، داچىڭ-گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 3130 k گەندىڭ بۆلىكىدىكى (جياڭشى گەنجۇ شەھىرى لوڭنەن ناھىيەسى تەۋەسى)، دۇڭكېڭ تونېلى چىقىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مۇھاپىزەت ئاتكوسىدا تۇيۇقسىز تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر يېرىم چاتما پىرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ باش قىسمى مىجىلىپ، ئادەم يارىلانغان. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاغ گەۋدىسى شىمالىي يۆنىلىشتىكى يوللارنىڭ ھەممىسىنى توسۇۋالغان بولۇپ، 150 مېتىر دائىرە توپا ئاستىدا قالغان. نۆۋەتتە قاتناش توسۇلۇپ قالغان بولۇپ، شۇ جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يول مەمۇرىيىتى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved