88-نۆۋەتلىك ئوسكار نامزاتى 14-يانۋار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 20 نەپەر مۇھىم نامزاتنىڭ ھەممىسى ئاقلار بولۇپ، ئوسكاردا ئۇدا ئىككىنچى يىلى رەڭلىك ئىرققا «سەل قاراش» گۇمانى قوزغىدى، ۋىل شىمىس، لۇپىتا نىئوڭگو، جورجى كىلونىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن چولپانلار بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈردى. نامزاتلار«ئاق تەنلىك» بولۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئوسكارنى بايقۇت قىلىش ئېفىكتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا كىنو ئاكادىمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىرى شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار كەچتە بېلەت تاشلىدى ھەمدە كونكىرت ئىسلاھ قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، ئاكادىمىيەنىڭ «ئەزاسى، ئىجرائىيە كومېتىتى، باھالىغۇچىلار كۆپ قاتلام تەرەپتە مۇھىم ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش» ئۈچۈن 2020-يىلىدىن ئىلگىرى ئاياللار ۋە ئاز سانلىق ئېتىنىكتىكى ئەزالارنىڭ سانىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاكادىمىيە رەئىسى شېرلى بون ئىساكىس ئىپادە بىلدۈرۈپ:«ئاكادىمىيە چوقۇم كىنو-تېلۋىزىيە كەسپىگە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، ئەكىسچە كەسىپنىڭ دەۋرگە يىتىشىشىنى ساقلىماسلىقى كېرەك. ئىجرائىيە كومېتىتى ۋە بېلەت تاشلاش ھوقۇقى توغرىسىدىكى بۇ يېڭى قائىدىلەر تېزلا تەسىر پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە بىزنىڭ ئەزالار قۇرۇلمىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ.» دېدى. ئاكادىمىيە تېزلا ئۈچ نەپەر رەئىس نازاتىنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە ئىجرائىيە كومېتىتى ئىتراپ قىلغان يېڭى ئىجرائىيە كومېتىتى ئەزاسى ئۈچ يىللىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، نىشانى بولسا يېڭى ئەزانى تېخىمۇ جانلىق ھالدا ئاكادىمىيەنىڭ قارار بەلگىلەش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش ھەمدە ئاكادىمىيەنىڭ پەرقلەندۈرۈش، كەلگۈسى رەھبەرنى تەربىيەلىشىگە ياردەملەشتۈرۈش.
قالغان يېڭى بەلگىلىمە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ:
يېڭى ئەزانىڭ بېلەت تاشلاش سالاھىيىتى ئون يىل بولىدۇ، ئوسكار نامزاتى ياكى مۇكاپاتىغا ئېرىشسە ئۆمۈرلۈك بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved