شۇ جاي ۋاقتى 27-سېنتەبىر ھىندىستان زۇڭلىسى مودى نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇققا زەربە بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ قېتىم مودى ھىندىستان زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. تېررورلۇققا زەربە بېرىش مودىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى، ئۇ ھىندىستان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ غەربى ئاسىيادا گۈللىنىۋاتقان تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، دېدى.
مودى يەنە ئۆزى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىدا ھەل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىشى، مەن پاكىستان بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن، لېكىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئالدىنقى شەرت تىنچ كەيپىيات ۋە تېررورلۇق بولمىغان ئەھۋالىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved