ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماي سەرپىيات ئۆلچىمى يېڭى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

      دۆلەتلىك سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش ئورۇن يېقىندا ‹‹ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ماي سەرپىياتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر يۈز كىلومېتىردىكى ئوتتۇرىچە ماي سەرپىياتىنى 2015-يىلى 6.9L غا چۈشۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ‹‹ئۇقتۇرۇش›› 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ‹‹ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش، چەكلىك ئىشلەپچىقىرىش›› قاتارلىق بەش خىل جازالاش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى بايلىقنى تېجەش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ئىرادىسىدىن قارىغاندا، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى كەلگۈسىدە ھايات-ماماتلىق سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئورۇن بىرلىكتە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ماي سەرپىيات ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن، 2015-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر 100 كىلومېتىردىكى ئوتتۇرىچە ماي سەرپىياتىنى 6.9L غا چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللارنى بازارغا سېلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ‹‹2014-يىللىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ يېقىلغۇ سەرپىياتى ئەھۋالى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى 91 ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئىچىدە، 25 كارخانا ئۆلچەمگە يەتمەي، 2013-يىلىغا قارىغاندا 3 كارخانا كۆپەيگەن؛ 29 ئاپتوموبىل ئىمپورت كارخانىسى ئىچىدە 10 كارخانا ئۆلچەمگە يەتمەي، 2013-يىلىدىكىگە قارىغاندا 1 كارخانا ئازلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋە جۇڭگو بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارمۇ بار ئىكەن.


     تۆتىنچى باسقۇچلۇق يېقىلغۇ سەرپىياتىنى چەكلەش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. يېڭى ئۆلچەمدە، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى 2015-يىلى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىيات ئۆلچىمىنى 6.9 لىتىرغا چۈشۈرۈش، 2020-يىلىغا بارغاندا 5.0 لىتىرغا چۈشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. بۇندىن بۇرۇن، سانائەت ئۇچۇر مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كارخانىلارنىڭ يېقىلغۇ سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كارخانىلارغا ھەر يىللىق ماي سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئۆلچىمى بېكىتىپ بېرىپ، ئۆلچەمنى ئاستا-ئاستا چىڭىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا بېكىتىپ بەرگەن ئۆلچەم 6.9 لىتىر، 6.7 لىتىر، 6.4 لىتىر، 6.0 لىتىر، 5.5 لىتىر ۋە 5.0 لىتىر ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     «خېلسىنكى خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوستون مەسلىھەتچىلىك گوروھىنىڭ يېقىندىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئېلىكترونلىشىش ۋە ماشىنا ئادەم فىنلاندىيە...
27-05-2016
بېتا تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     قىسقا ئۇچۇر بىر مەھەل جۇڭگودا ئەڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بولدى، ئەمما كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈندىدار...
Powered by Leglek