1. ھەركۈنى (شۇنداق، بۇ ئىشتا قەتئىي ھورۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ)، ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيى سۈرتىشىڭىز كېرەك.
2. ئەگەر ئىككى سائەتتە بىر كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، قالپاق كىيىۋىلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بۇنىڭدىن سىرت چېچىڭىز ۋە بوينىڭىزنىمۇ ياخشى ئاسرىشىڭىز كېرەك.
3. تېرىڭىز 30 ياشتىن كېيىن نۇرغۇن گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىشىڭىزگە ماس كەلمەيدۇ. قەرەللىك تېرىڭىز تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ، تېرە ئاسراش ئۇستىسى سىزگە ئالاھىدە تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى بىكىتىپ بەرسۇن، بۇنداق بولغاندا تېرىڭىز ھەر ۋاقىت ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرالايدۇ.
4. 30 ياشتىن كېيىن، تېرىڭىزنىڭ نۇرلۇق بولىشىغا، قورۇق چۈشۈشتىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشڭىز كېرەك.
5. تېرىڭىزنى ئاسراشقا نۇرغۇن زېھنىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلسىڭىزمۇ، 20 ياشلىق قىزلاردەك گۈزەل كۆرۈنمىدىم دەپ ئاغرىنماڭ. قانداقلا بولمىسۇن، 20 ياشلىق قىزلاردەك بولالمىسىڭىز، قەرەللىك تېرىڭىزنى ئاسرىسىڭىز، 20 ياشلىق قىزلاردىن قېلىشمايسىز.
6. كەچلىك ماينى سۈرۈشنى باشلاڭ، چۈنكى كەچتە تېرىنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئوزۇقلۇق لازىم بولىدۇ.
7. قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياكى ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان كۆز مەلھىمى ئىشلىتىشكە باشلاڭ. ئەگەر ئانچە-مۇنچە ھاراق ئىچىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، كۆز خالتىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆز مەلھەملىرىنى تەييارلاپ قويۇڭ.
8. قول تېرىسى باشقا يەرنىڭ تېرىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا قول ئاسراش مېيى كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيىغا ئوخشاشلا مۇھىم.
9. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈز يۇيۇشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ.
10. مۇقىم چاچ ياساش ئۇستىسى بولسۇن.
11. چوڭقۇر قاتلاملارغىچە ئاسراش ئېلىپ بارالايدىغان چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى سىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم چاچ ئاسراش مېيى ئىشلىتىڭ.
12. ناھايىتى ياخشى بولغان تارغاق ئىشلىتىڭ. بەلكىم چېچىڭىز چۈشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا چېچىڭىزنى ئۈزىۋەتمەيدىغان تارغاق ئىشلىتىش تولىمۇ مۇھىم.
13. ئەرزان باھالىق لەۋ سۇرۇخلىرىنى تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان رەڭدىكى، سۈپەتلىك لەۋ سۇرۇخى سېتىۋىلىڭ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
14. بىر يۈرۈش سۈپەتلىك گىرىم چوتكىسى سېتىۋىلىڭ ۋە ئۇلارنى ياخشى ئاسراڭ، شۇنداقلا ئايدا بىر قېتىم پاك-پاكىز يۇيۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىڭ.
15. پارقىراق رەڭلىك گىرىملەرنى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭ، بۇنداق بولمىغاندا، باشقىلارغا پىشىپ-يېتىلمىگەن، سۇيۇق قىزلاردەك تەسىر بېرىپ قويىسىز.
16. چىراي ئىپادىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، بولۇپمۇ ئاچچىقلانغاندا، بېسىمغا ئۇچرىغاندا ھەرگىزمۇ قاپاقلىرىڭىزدىن مۇز ياغدۇرۇپ يۈرمەڭ. بەك خوش بولۇپ كەتكەندە، بەك ھاياجانلىنىپ 32 چىشىڭىزنى چىقىرىپ كۈلۈپ يۈرمەڭ، پەقەت چىرايىڭىز پۈرلۈشۈپ كەتمىگەن ئاساستا، ھەرخىل شەكىلدە كۈلۈمسىرىسىڭىزلا كۇپايە.
17. ئېسىڭىزدە بولسۇن، باشقىلار چىرايىڭىزغا قاراپلا نېمە ئىچكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالالايدۇ. گەرچە شۇنداق ھاراق كۆتۈرۈشچان بولسىمۇ (ئامال بار ھاراق ئىچمەڭ)، ئەتىسى تېرىڭىز بوشىشىپ، قۇرغاقلىشىپ، شۇنداق سەتلىشىپ كېتىسىز.
18. كۆپرەك سۇ ئىچىڭ.
19. تاماكا تاشلاڭ! تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن، تېرىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
20. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، يۈزىگە قورۇق چۈشىدۇ، بەللىرى مۈكچىيىدۇ، بۇ ھەقىقەتنى ھەممە ئادەم قوبۇل قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ياخشى ھالىتىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىڭ، كۆڭلىڭىز تارتقاننى قىلىڭ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved