پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2014-يىللىق FIFA ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ كىشىلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى قارلو ئانچىلوتتى، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى جوۋچىم لوف، مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دىيوگو سىمۇنى قاتارلىق ئۈچ مەشقاۋۇل بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
خان مادرىد كۇلۇبىدىكى تۇنجى يىلى، ئانچىلوتتى بېسىملاردىن غالىپ كېلىپ شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ھەمدە كۇلۇبىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈۋاتقان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 10-چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
لوف گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ 18 يىل ئارىلىق ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چوڭ لوڭقىنى كۆتۈردى. ئۇ بولسىمۇ 2014-يىللىق بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى. ھەمدە جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسدە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى ياۋروپا كوماندىسى بولۇپ قالدى.
دىيوگو سىمونى مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنى تەۋرىتەلىگۈدەك كۈچلۈك كوماندا قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشقش پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved