ئاسىيا لوڭقىسى:ئاۋستىرالىيە كوماندىسى كۈۋەيت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن 17:00 ئۆتكەندە ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلش مۇراسىمىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئاۋستىرالىيەنىڭ مىلبۇرىندىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك توپ مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ئوينىغان ئىككى تەرەپ بولسا بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى ئاۋستىرالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن غەربى ئاسىيادىكى كۈچلۈك كوماندا كۈۋەيت دۆلەت كوماندىسى. كۈۋەيتنىڭ بېكى ھۈسەين فادخال بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى كاسىل ۋە لورىنگو بىردىن توپ كىرگۈزۈپ كۈۋەيت كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋستىرالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. تىرويىس قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى 4-1 نەتىجە بىلەن كۈۋەيت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا كۈۋەيت كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كۈۋەيت كوماندىسى سول تەرەپتىن بۇلۇڭ  توپ باشلىدى. كۈۋەيتنىڭ 4-نومۇرلۇق توپچىسى فادخال توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 1-0 بولۇپ كۈۋەيت كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

 

33 مىنۇت بولغاندا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. لورىنگو سولدىن بۈسۈپ ئۇلاپ ئۈچ مۇداپىئەچى توپچىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن توپنى ۋاراتار ئالدىغا تاشلىدى. كاسىل توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. نەتىجە 1-1 بولدى. 45 مىنۇت بولغاندا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. فىرانگىچ سولدىن پاس تاشلىدى. لورىنگو توپنى ئۈسۈپ ۋاراتارغا كىرگۈزدى. نەتىجە 2-1 بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.

 

يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىن ھەر ئىككى تەرەپ سەپ شەكلىدە تەڭشەش ئېلىپ باردى. 61 مىنۇت بولغاندا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. كىرۇس چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ توپچىسى تەرىپىدىن يېقىتىلدى. رېپىر ئاۋستىرالىيە كوماندىسىغا نۇقتا توپ بۇيرۇپ بەردى. كاپىتان ئىدناك نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 3-1 بولدى.

 

90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى مىنۇت قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 4-1 بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.

 

ئاۋستىراليە كوماندىسىدىن ئاساسلىق سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 1-نومۇر رايىن. 3-نومۇر بېسسىك. 2-نومۇر فىرانگىچ. 6-نومۇر سىبىرانوۋىچ. 20-نومۇر سىنسبول. 7-نومۇر لارگى. 15-نومۇر ئىدناك. 21-نومۇر لورىنگو. 14-نومۇر تىروۇىس. 4-نومۇر كاسىل. 10-نومۇر كىرۇس.

 

كۈۋەيت كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 23-نومۇر ھەمىد يۈسۈف. 4-نومۇر ھۈسەين فادخال. 12-نومۇر سۇلتان ئەنزى. 13-نومۇر مۇسائىد ئىنازى. 21-نومۇر ئەلى مەقسىد. 5-نومۇر فاخاد خەجەرى. 6-نومۇر قالەد قاھدانى. 8-نومۇر سالىھ شەيق. 10-نومۇر ئابدۇلئەزىز ئىنازى. 11-نومۇر فاخاد ئەنسارى. 16-نومۇر فايسال ھارابى.



خەتكۈچلەر:
10-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek