ئافرىقىدىكى سودىگەرلەر كونا كىيىمدىن كۇنىگە 260 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى

ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 14-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ئافرىقىدىكى بەزى سودىگەرلەر بىر خىل يېڭىچە بېيىش ئۇسۇلىنى تاپقان . ئۇلار ئەنگىلىيەدىكى خەير-ساخاۋەت دۇكانلىرىدىن تۈركۈم–تۈركۈم كونا كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە يۆتكەپ كېلىپ ، يەرلىكتىكى ئاممىغا سېتىپ بەرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئۇلار كونا كىيىملەرنى سېتىش ئارقىلىق ، كۈنىگە 25 مىڭ فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 265 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ) كىرىم قىلغان .


بۇ كونا كىيىملەر ئافرىقا شەھەرلىرىدە بولۇپمۇ گانادا ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ، چۈنكى بۇ كىيىملەرنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ ، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ سېتىۋالالايدىكەن . بىر كونا كىيىم دۇكىنىنىڭ خوجايىنىArthur • Adu چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن : ئەنگىلىيە كىيىملىرىنىڭ رازمېرى ۋە سۈپىتى يەرلىكتىكى ئاممىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك رازمېلىق كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ، سۈپىتىمۇ ناھايىتى ياخشى. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كونا كىيىملەرنىڭ باھاسى كىيىمنىڭ ئۇپراش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن ، بەك كونىلىرى يەرلىكتىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرگە سېتىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ئادەتتە پەقەت 25 پېننى ( تەخمىنەن 3.5 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ) غا سېتىلىدىكەن .


كونا كىيىم سودىسى يەرلىكنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن . يەرلىكتىكى بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى مۇنداق دېگەن : 2009-يىلى بىز بىر ئايدا 2 مىليون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رەختنى ئىشلەپ چىقىراتتۇق ، لېكىن ھازىر بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىز % 75 تۆۋەنلەپ ، زاۋۇت تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى .



خەتكۈچلەر:
17-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek