جۇڭگو ئاخبارات تورى، 8-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)نىڭ ياردەمچى باش ئىش بېجىرگۈچىسى فۇكۇدا كېيجى باشچىلىقىدىكى كۆزىتىش ئۆمىكى 8-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن كورېيەگە يېتىپ كېلىپ، ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 9-ئىيۇندىن باشلاپ كورېيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە كورېيەدىكى ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(MERS)نىڭ يامراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىكەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇمنىڭ دۆلەت ھالقىپ تارقىلىشى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان ئىشلاردا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆزىتىش ئۆمىكى ئەزالىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە غەربىي تىنچ ئوكيان باش ئىشتابىدىكى ۋىرۇس ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىشقا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتە MERS يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 9-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە كورېيەدىكى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئايرىش (باشقا بىمارلاردىن) ئەسلىھەلىرىنى كۆزىتىدىكەن ھەمدە يۇقۇملىنىش يوللىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئانالىز ئېلىپ بارىدىكەن.
كورېيەدە 8-ئىيۇنغا قەدەر 2508 ئادەم بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئايرىۋېتىلگەن، جەمئىي 583 ئادەمگە بېرىلگەن ئايرىش ئۇقتۇرۇشى بىكار قىلىنغان، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئەرلەر %57.5نى ئىگىلىگەن، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 54.9 ياش ئەتراپىدا بولغان، جەمئىي 87 ئادەم بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان، ئالتە ئادەم قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved