تىلەمچىنىڭ 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە 100 مىڭ يۈەنلىك ئامانەت كارتىسى يۈتۈپ كەتتى

       يۈننەنلىك 65 ياشلىق ئايال مياۋ X مېيىپ بولغانلىقتىن تىلەمچىلىك قىلىپ جېنىنى باقىدىغان بولۇپ، قارىماققا بىچارە كۆرۈنگىنى بىلەن، بىراق يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىسىدا 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن 100 مىڭ يۈەن ساقلانغان ئامانەت كارتىسى بار ئىكەن. يېقىندا،  مياۋ X جىنجياڭ زىماۋ بازىرىدىكى دېھقانچىلىق بازىرىدا تىلەمچىلىك قىلىۋېتىپ يېنىغا ئېلىپ يۈرگەن سومكىسىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، تىت-تىت بولغىنىدىن نەق مەيدانغا يىغا-زار قىلىپ كەتكەن.

      ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ياخشى نىيەتلىك ئامما ساقچىغا مەلۇم قىلغان، زىماۋ ساقچىخانىسى خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان  مياۋ X تىت-تىت بولغىنىدىن ئۆكسۈپ گەپمۇ قىلالمىغان بولۇپ، ساقچى خادىملارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن كەيپىياتى جايىغا چۈشكەن.

      مياۋ X «سومكىدا كىملىكىم بىلەن بانكا كارتام بار ئىدى، يەنە تېخى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلۇم بار ئىدى ! ئامانەت كارتامدىمۇ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تىلەمچىلىك قىلىپ يىغقان ئامانىتىم بار ئىدى» دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 لەردە ئۇ زىماۋ بازىرىدىكى دېھقانچىلىق بازىرىغا كېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ، چۈش سائەت 12 لەردە ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا يېنىغا ئېلىپ يۈرىدىغان سومكىسىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان ئىكەن.

    ساقچى خادىملار ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن كۆزىتىش ئاپاراتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھېچقانداق بىراۋنىڭ  مياۋ X نىڭ سومكىسىنى ئېلىپ بازاردىن چىققان كۆرۈنۈشى بايقالمىغان بولۇپ، ساقچىلار سومكىنىڭ ھازىرمۇ بازار ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

خەلق ساقچىلىرى نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ ئىزدەش نەتىجىسىدە، ئاخىرى  مياۋ X نىڭ سومكىسىنى يول بويىدىكى ئەخلەت دۆۋىسىدىن ئىزدەپ تېپىۋالغان.

     مياۋ X نىڭ نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش نەتىجىسىدە سومكا ئىچىدىكى نەرسىلەردە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، ساقچى خادىملار  مياۋ X نىڭ قىزىنى ساقچىخانىغا كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كېتىشكە خەۋەر قىلغان.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek