جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانىياخۇ بىلەن دائىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرىسى ھەققىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىسىنىڭ چۈشىنىلىشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى.
سىىسى، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئىشەنچلىك بىر مۇناسىۋەت بارلىقىنى تەكىتلىدى. سىسى؛« مەسىلەن، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمى نورمال ئەھۋالدا سىناي رايۇنىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرق قىسىملىرىدا مىسىر ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەمما ئۇلار شۇئاندا بىزنىڭ بۇ رايۇنلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىمىزنىڭ قىيىن مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئېيىتۋاتىدۇ. بۇ دۈشمەنلىك ۋە گۇمان قىلىشنىڭ يۇقالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر پەلەستىندە ئىككى دۆلەتلىك ئارىسىدىكى بىر ھەل قىلىشى چارىسى ئوتتۇرغا چىقسا بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيە بىلەن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ھەم ئوتتۇرغا چىقىدۇ» دېدى.
سىسى، نىتانياخۇ بىلەن دائىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئۇنىڭغا پەلەستىن بىلەن تىنچلىق ساقلانسا بۇنىڭ ھەم ئۆزى ھەم ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تارىخى بىر كېلىشىم بولىدىغانلىقىنى ، بۇ ھەقتە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.
سىسى، ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبىتى مەسىلىسىدە ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىيسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مىسىردىكى ۋە رايۇندىكى ۋەزىيەتنى پەقەت كۆزىتىش بىلەن بولىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، «ۋاشىنگتون بىلەن ئارىمىزدا مۇناسىۋەت مەسىلىسى بار، ئۇچۇرلىرىمىز ياخشى ھالەتتە يەتكۈزۈلمىگەندەك بىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى؛ »رايۇندا زور تەھدىتلەر بار، تېخى ئۆتكەندە لىۋىيەدە 8 نەپەر نىفىت ئىشچىسى تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. ھازىر ئامېرىكا نىمە قىلىشى كىرەك؟ پەقەتلا كۆزىتىۋاتىسىلەر. دۆلىتىمزدە بولغان ئىشلار ھەققىدە ھەقىقەتنى كۆرەلمىدىڭلار. بىز كىچىككىنە تەرەققى قىلغان بىر دۆلەت. سىلەرنىڭ دىموكراتىيەڭلار 200 يىلدا تەرەققى قىلدى. بىزگە ھەم تەرەققى قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىسىلەر، بەك ئالدىرساق بىزدەك دۆلەتلەر ۋەيران بولىدۇ».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved