راست-يالغان پاسپورت ياۋروپانىڭ بېشىنى ئاغرىتتى

      گېرمانىيەدىكى «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 20-دېكابىر خەۋىرى: ياۋروپادىكى خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى ئىزچىل تۈردە پارىژدىكى تېرورلۇق دېلوسىغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى ھۇجۇملار ھەر قانداق بىر جايدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. فرانسىيەنىڭ پايتەختىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك قاتىل سالاھ ئابدۇل سالام ھېلىھەم قېچىپ يۈرىۋاتىدۇ. پۈتكۈل ياۋروپا بۇ بېلگىيەلىكنى بار كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتىدۇ ھەمدە پارىژدىكى ھۇجۇمنى قوزغىغان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغا قەدەر تېخىمۇ كۆپ ئەھۋاللارغا ئىگە بولغان - بولمىغانلىقى، بۇ تەشكىلاتقا تەۋە تېرورچىلارنىڭ مۇساپىر سىياقىغا كىرىۋېلىپ، بالقان يېرىم ئارىلى بىلەن ياۋروپاغا كىرگەن - كىرمىگەنلىكى، ئۇلاردا ھەقىقىي سۈرىيە پاسپورتىنىڭ بار - يوقلىقىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ.

     غەرب ئەللىرىدىكى خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى ھازىر ئۇلارنىڭ پاسپورتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. بۇ پاسپورتلار كەسپىي ئاتالغۇ بويىچە «راست يالغان پاسپورت» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. دېمەك بۇ مانا مۇشۇنداق پاسپورتلارنىڭ پاسپورت ئىگىسىگە تەۋە بولمىسىمۇ، لېكىن پاسپورتنىڭ ئەسلى نۇسخسىنىڭ يەنىلا سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىسكىلاتىدىن چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

پارىژدىكى ھۇجۇمنى قوزغىغان تېرورچىلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككىسى مانا مۇشۇنداق پاسپورت بىلەن ياۋروپاغا كىرگەن. ئۇلار مۇساپىرلار ئارىسىغا يوشۇرىنىۋالغاچقا قەتئىي بايقالمىغان. بۇ ھەقىقىي پاسپورتلارنى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى راققا شەھىرىگە جايلاشقان پاسپورت بېجىرىش ئورنىدىن ئېلىۋالغان.

   «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ قارا بايرىقىنى نەگە تىكلىسە، شۇ يەردىن پاسپورت ئىزدىگەن. ئۇلار پاسپورتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا رەسىم چاپلاپ، ئىمزا قويۇپ، ناھايىتى تېزلا كۈچگە ئىگە بولغان پاسپورتقا ئىگە بولىۋالغان. كىشىلەر نۇقسانلىرى بولغان سۇ باسىمىسى، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تەرتىپ نومۇرى ياكى ناچار سۈپەتلىك قەغەز ئارقىلىق ساختا پاسپورتنى ئايرىۋالالايدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى خەۋىپ ھەقىقىي پاسپورتقا مەركەزلىشىپ قالدى.

   ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىدىكى تېرورچىلارنى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى قۇرۇق پاسپورت ۋە باشقا كېنىشكىلەرنى ساقلايدىغان ئورۇنلار ۋە ئاپپاراتلارنى كونتىرول قىلىۋالدى، دەپ قاراۋاتىدۇ. خەۋىپسزلىك ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ قارىشىچە، غازاتچىلار يەنە «سۈرىيەنىڭ ساياھەت پاسپورتىنى ياسايدىغان زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولغان بولىشى مۇمكىن».

   «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىدا ھېچ بولمىغاندا ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۈچ دۆلەت پاسپورتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولىشى مۇمكىن، ئۇلار پەقەت بۇ ئەسلى نۇسخىدىكى پاسپورتىنى ئۆزىگە چۈشىدىغان قىلىپ ياسىۋالسىلا بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سۈرىيە پاسپورتى ئەڭ ئەرزان پاسپورت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ پاسپورتقا ئادەتتە سۈرىيە يېزىقى ۋە فرانسۇزچە يېزىق ئىشلىتىلىدىكەن، تېشى كۆك رەڭدە بولىدىكەن، ئىچى پۇل بېسىش قەغىزىدە ئىشلىنىدىكەن. ئۇنىڭدا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا يانىدىغان مىكرو تالا يوق ئىكەن.

    سۇ باسمىسىنى ياساش تەنەرخىمۇ ئىنتايىن ئەرزان ئىكەن. پاسپورتقا ماي سۈركەش ئارقىلىق سۇ باسمىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تېزلا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. پاسپورتتا ئالاھىدە بىخەتەرلىك بەلگىلىرى يوق بولۇپ، پاسپورت ئىگىسىنىڭ نامى سىياھ بىلەن تولدۇرىلىدىكەن. چاپلانغان سۈرەتتىمۇ كۆز رەڭدار پەردىسى ياكى بارماق ئىزى دېگەندەك بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش بەلگىلىرى يوق ئىكەن.

   دۇنيادىكى 70 دىن ئارتۇق كارخانا پاسپورت سودىسى قىلىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بەشەر ھاكىمىيىتىنىڭ پاسپورتىنى فرانسىيەدىكى بىر كارخانا تەمىنلەيدىكەن. گېرمانىيە فېدراتسىيە باسمىچىلىق شىركىتى ئۆزىنىڭ سۈرىيەدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان. قىسمەن ئەللەردە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ قوغدىشى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان پاسپورت سودىسى ئاللىبۇرۇن ئاۋاتلىشىپ كەتكەن.

   ھەر بىر پاسپورتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن 2000 ياۋروپا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى نەگە بارسا، شۇ يەردىكى پاسپورت سودىسى ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ.

    ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدە پاسپورت ياسايدىغان باسما ماشىنىسىدىن  ئاز دېگەندىمۇ ئىككىسى بار ئىكەن. پارىژدىكى ھۇجۇمغا قاتناشقان قاتىللار ئېنىقلا مانا مۇشۇنداق «ھەقىقىي» پاسپورت بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەستىدە پۇچىلانغان بۇ دۆلەتتە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىدىن باشقا يەنە بەشەر ھاكىمىيىتىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ پاسپورت سودىسى قىلىدۇ. گەرچە بۇ دۆلەتتە ھاۋا ھۇجۇمى ۋە كوچا ئۇرۇشى ئۈزۈلمەيۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پاسپورتنى ھەر قانداق جايدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

   «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئىراقتىكى 2-چوڭ شەھەر موسۇلدا پۇختا تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغان. ئۇلار موسۇلدىمۇ ئىنتايىن كۆپ پاسپورتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى 2014-يىلى ئىيۇندا موسۇلنى ئىشغال قىلىپ، تۈركىيە كونسۇلخانىسىنى ئىگەللىگەن ھەمدە بۇ جايدىكى كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. غەرب ئەللىرىدىكى ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ قارىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئەينى چاغدا پاسپورت، كېنىشكا ۋە ھۆكۈمەت تامغىلىرىنى قولغا چۈشۈرۋالغان.



خەتكۈچلەر:
23-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
29-04-2016
     سىز پەقەت 30 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە بېرىپ بولۇشنى پەرەز قىلالامسىز؟ شەھەر كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە بۇنداق قىلىش قۇرۇق خام خىيالدەكلا تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاۋسترالىيەلىكل...
29-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مەلۇم ئارشاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭ كۆلچەكلىرىدە ئالما، ئاپېلسىن، لىمون، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار چىلاپ قويۇلغانىدى. ...
29-04-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، فوتوگراف بوشلۇقتىن شىشۇاڭبەننانىڭ بايراملىق ياسانغان گۈزەل ھۆسنىنى سۈرەتكە تارتىپ، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا تەك...
29-04-2016
     2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت بىزگە تۇمان ئارسىدىكى دۇبەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىراق مەنزىرىسى، بۇلۇتلار ئىچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەر.... پورتتىن جۇمىرا ئارىلىغىچە بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۆز...
28-04-2016
    بۇ يىل ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە شىنجاڭ كۈتىۋالغان ئىچكىرى ...
28-04-2016
    ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مۇلازىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاماق تىزىملاش كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى گوللاندىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قەھۋەخانىسىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش. ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ...
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
Powered by Leglek