مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنى 27-دېكابىر چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان 36-، 37-، 38-، 39-، 40-، 41- نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئېلان قىلىندى.
كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېتىنىڭ 159 تەشكىلىي ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن بولدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لى جيەنگوغا، دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا ئىزاھات بېرىشنى ھاۋالە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 232 ناھىيە(شەھەر، رايون)، تيەنجىن شەھىرىنىڭ جىشيەن ناھىيەسى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 59 ناھىيە(شەھەر، رايون)، مەمۇرىي رايونلاردا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى، گوۋۇيۈەنگە پاي چېكى تارقىتىش، تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئاكسىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەڭشەپ سىناق يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى، گوۋۇيۈەنگە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن قىسمەن مەمۇرىي تەستىقلارنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ سىناق يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋاقىت توشقاندىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارار بويىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 2016-يىلى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved