2-فېۋرال، دېھقانلار كالېندارىدىكى مايمۇن يىلى كېلىش ئالدىدا، شياڭگاڭدىكى «دېڭىز-ئوكيان» ھايۋاناتلار باغچىسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مايمۇن پاپا مارموزېت مايمۇنىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. پاپا مارموزېت مايمۇنى بولسا برازىلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى، كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئېكۋادورنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە پېرۇنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يامغۇرلۇق ئورماندا ياشايدىغان بىر خىل مايمۇن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پرىمات ھايۋانلار تۈرى بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 16-14 سانتىمېتىر بولۇپ، ئەركەك پاپا مارموزېتنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 140 گرام، چىش پاپا مارموزېتنىڭ ئېغىرلىقى 120 گرام كېلىدىكەن.
پاپا مارموزېت تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان ياكى تروپىك بەلباغ ئورمانلىق ئوتلاقتا دەرەخنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن يەر يۈزىگە چۈشمەيدىكەن. ئۇ مېۋە، قاتتىق مېۋە ۋە باشقا ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئوزۇقلۇقتىن سىرت يەنە ھاشارەت، ئۆمۈچۈك، پاقا، كىچىك كەسلەنچۈك ۋە قۇش تۇخۇمى قاتارلىقلارنى يەيدىكەن.
يېڭى تۇغۇلغان پاپا مارموزېتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 3 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.
پاپا مارموزېت دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پرىمات ھايۋانلار تۈرى بولۇپ، بەدەن شەكلى ئەڭ ئوماق ھېسابلىنىدۇ. ئىپتىدائىي مۇھىتتا ئۇلار بىر-بىرىنىڭ پىتىنى بېقىشىپ يېيىشكە ئامراق بولۇپ، ئەڭ چوڭ رەقىبى قۇش ئىكەن.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved