ئاياللار قانداق چاغلاردا قان تولۇقلاش كېرەك؟

ئاياللار ئادەتتىكى چاغلاردا قان تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بىراق قانداق چاغدا قان تولۇقلاشنى بىلىشمۇ بىر ئىلىم. دەل ۋاقتىدا تولۇقلانغان قان ئاياللارنى گۈزەل رۇخسارغا ئىگە قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئاياللار ئۆزىنىڭ قان تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟

   1 . كۆزگە قاراش

   ئەگەر كۆز ئېقىنىڭ رەڭگى دۇغلىشىپ سارغايغان، قىلقان تومۇرلار كۆرۈنۈپ قالغان، كۆز قۇرغاقلىشىپ قاپاقلار ساڭگىلىغان ۋە كۆز خالتىسى چوڭلاپ كەتكەن بولسا، بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئەكسىچە ھەرقانداق چاغدا كۆز يوغان ئېچىلىپ تۇرسا، كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

   2 . تېرىگە قاراش

   تېرىدە قورۇق ھەم داغلار بولمىسا، پارقىراق ھەم ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، بۇ كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە تېرە يىرىك، نۇرسىز، داغ چۈشكەن، تۇتۇق، سارغايغان، تاتارغان، كۆكىرىپ قالغان ياكى قىزىرىپ قالغان بولسا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

   3 . چاچقا قاراش

   چاچ قارا، قويۇق ھەم يۇمشاق بولسا بۇ كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، چاچتا جانسىزلىق، چۈشۈش، سارغىيىش، ئاقىرىش ۋە يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

   4 . قولنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا قاراش

   قول تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىللىق تۇرسا كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، ئەگەر ئالقان قىسمەن قىزىسا ياكى تەرلەپ مۇزلاپ تۇرسا بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

   5 . قول بارماقلىرىغا قاراش

   مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن قول بارماقلىرى سولاشقان، ئاجىز ياكى ئىنچىكە بولۇپ قالغان بولسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، ئەگەر بارماقلىرى توق، گۆشلۈك، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

   6 . تىرناقتىكى ئىزلارغا قاراش

   چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار بولىدۇ، بىراق كىچىك بالىلارنىڭ تىرنىقىدا ئىز بولمايدۇ. چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار پەيدا بولۇپ قالسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.

   7 . چىش مىلىكىگە قاراش

   كىچىك بالىلاردا چىش مىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە روشەن بولمايدۇ، چوڭلارنىڭ چىش مىلىكى يىگىلىگەنلىكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، چىش ئارىلىقى چوڭايغان، يېمەكلىكلەر ئاسانلا چىش ئارىلىقىغا كىرىۋېلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا، بۇ بەدەننىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى، قېرىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

   8 . ئۇيقۇسىغا قاراش

   چوڭلار ئەگەر بالىلارغا ئوخشاش تېز ئۇخلىيالىسا، ئۇيقۇسى ئېغىر، نەپەسلىنىشى تەكشى، ئۇخلىغاندىن كېيىن تەبىئىي ئويغانسا، كۈچ – ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇخلىشى تەس، ئۇيقۇسى يەڭگىل بولۇپ ئاسانلا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتسە، نەپەسلىنىشى ئېغىر ياكى خورەك تارتسا قان ئازلىقنى كۆرسىتىدۇ.

   9 . ھەرىكىتىگە قاراش

   ھەرىكەت قىلغاندا، ئەگەر مەيدىسى چىڭقىلىپ نەپىسى بوغۇلسا ھەم ئاسانلىقچە ھاردۇق چىقمىسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقتىن بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek