ئامېرىكا ئارمىيەسى شتاپ باشلىقلار بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى 16-سىنتەبىر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ۋەيران قىلالمايدىغان بولسا، مەن، پىرېزىدېنت ئوباماغا قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئەۋەتىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.
ئۇ شۇ كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەش، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتىكى توغرا يول، بىراق ئەگەر خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ رولى مەغلۇپ بولسا، ئەسەبىي تەشكىلات ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئۇنداقتا مەن پىرېزىدېنت ئوباماغا قۇرۇلۇق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىملارنى ئەۋەتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved