ئەنگلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياپونىيەنىڭ توياماشىنكو قولتۇقىدا ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدىغان غايەت زور سىياھبېلىق بايقالغان.
بۇنىڭغا قارىتا، شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ناھايىتى قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، چۈنكى بۇنىڭغا ئوخشاش كېمە-پاراخوتلار توختىماي قاتناپ تۇرىدىغان جايدا مۇشۇنداق غايەت زور سىياھبېلىقنىڭ بايقىلىشى ھەقىقەتەن سىرلىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ خىل سىياھبېلىق پادىشاھ سىياھبېلىق تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سىياھبېلىق تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 13 مېتىر، ئېغىرلىقى بولسا بىر توننا كېلىدىغان سىياھبېلىقمۇ بايقالغانىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved