ئامېرىكا خەلقئارا يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، يۇقىرى قان بېسىمى بار ئاغرىقلار ھەر كۈنى يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچىلار 45 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 48 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى بار ئاغرىق ئۈستىدە سىناق قىلغان. ئۇلار پىدائىيلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدا 28 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقى بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى 30 مىنۇت كىلاسسىك مۇزىكا ياكى ھىندىستان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغان. قالغان 20 نەپەر يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش قانۇنىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. سىناق قىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋە تۆت ھەپتىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، ھەر كۈنى مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرغان گۇرۇپپىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ قان بېسىمى روشەن تۆۋەنلىگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ قان بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
ئىتالىيە فىلورېنسا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىم پېتىرو. مودېست: مۇزىكا ئاڭلاش ئادەمنى تىنچلاندۇرۇپ، جىددىيلەشكەن كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ. ئەمما، بۇ ھەر كۈنى مۇزىكا ئاڭلىغاندا قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى، دەپ كۆرسەتتى.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved