ئەھمەد داۋۇت ئوغلى 1959-يىلى 26-فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىنىڭ تاشكەنت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. سىياسىيۇن. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، ئاكادىمىك ۋە باش ئەلچى. سابق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر ۋەكىلى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى . 62-نۆۋەتلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى. داۋۇت ئوغلى 2009-يىلى 1-مايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. تۈركىيەنىڭ 58، 59 ۋە 60 نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغان ۋە پرېزىدېنت ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تاشقى سىياسەت باش مەسلىھەتچىسى بولغان. 24-نۆۋەتلىك كونتا خەلق ۋەكىلى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «تۈركىيە پارلامېنتى»غا كىرگەن. 2014-يىلى 27-ئاۋغۇستتا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى چوڭ يىغىنىدا پارتىيە باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ۋە 28-ئاۋغۇستتا پرېزىدېنت رەجەب تاييىب ئەردوغاندىن باش مىنىستىر ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالدى. ۋە 62-نۆۋەتلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەھمەد داۋۇت ئوغلىنىڭ باش مىنىستىرلىكىدە قۇرۇلغان 62-نۆۋەتلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كومىتىتى تىزىملىكى 29-ئاۋغۇست ئېلان قىلىندى. 6-سىنتەبىردە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قۇيۇلۇپ 133 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 306 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن 62-نۆۋەتلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى داۋۇت ئوغلىنىڭ باش مىنىستىرلىكىدە قۇرۇلدى.
داۋۇت ئوغلى ئىستانبۇل ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، 1983-يىلى بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرستىتى ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارا ئالاقىلەر بۆلۈمىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دوكتۇر بولدى. داۋۇت ئوغلى 1990-يىلى مالايسىيە خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرستىتىدا ياردەمچى لىكتور بولۇپ خىزمەت قىلدى. مەزكۇر ئۇنىۋېرستىتنىڭ سىياسەت بىلىمى بۆلۈمىنى قۇردى
تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇپ يېڭىدىن يۈكسىلىشىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن 2010-يىلى «دۇنيادىكى 100 مەشھۇر مۇتەپەككۇر» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.
داۋۇت ئوغلى تاشقى سىياسەتتە 4 ئاساسقا تاياندى، 1-بىخەتەرلىك ۋە بۆلۈنمەسلىك، 2-سۆھبەت، 3-ئىقتىسادى ھەمكارلىق ، 4-مەدەنىيەت بىرلىكى. داۋۇت ئوغلى، سىياسىتىنىڭ نىشانى ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن تۈرلۈك ئېتىقاد ۋە ئىرق ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت بىلەن ياشاش، يۈز بەرگەن كىرزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ۋە تىنچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتۇر.
داۋۇت ئوغلىنىڭ يېڭى شەپەق تورىدا 100دىن ئارتۇق ماقالىسى ۋە «ئىستىراتىگيە چوڭقۇرلىقى» ناملىق كىتابى بار.
داۋۇت ئوغلىنىڭ 4 پەرزەنتى بار. ئۇ ئىنگىلىز، گېرمان، مالاي ۋە ئەرەب تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved