جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: باغداد بىلەن كەركۇك ئارىسىدىكى يولدا ئىراقتىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 3 ئاي ئىلگىرى قاتناش توختىتىلغان ئىدى. مەزكۇر تاشيولدا بۈگۈندىن باشلاپ قاتناش يولغا قويۇلۇپ راۋانلاشتى. كەركۇك رايۇنى ۋالىسى نەجمىدىن كەرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى رايۇن ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق تاشيول قاتنىشىنىڭ ئېچىۋېتىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋالى كەرىم، «كەركۇك-باغداد لىنيەسى غول تاشيولىدا 3 ئاي ئىلگىرى بىخەتەرلىك تۈپەيلىدىن قاتناش توختىتىلغان ئىدى، بۈگۈندىن باشلاپ قاتناش راۋانلاشتى، بىر قانچە ئايدىن بۇيان كەركۇك ۋە ئېربىل خەلقىنىڭ نۇرغۇن تەلەپلىرى توپلانغان ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق كىشى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق باغدادقا بارالايدۇ» دېدى.
سالاھۇددىن ۋىلايىتى تۇزھۇرماتۇ رايۇنى باش مەمۇرى شەلال ئابدۇل، «كەركۇك-باغداد تاشيولى غول لىنيەسىنىڭ قاتناشقا ئېچىۋېتىلىش بۇيرۇقى تۈنۈگۈن مەركىزى ھۆكۈمەتتىن چۈشۈرۈلدى. بۈگۈن ئەتتىگەن 04:00 تىن باشلاپ قاتناش باشلاندى. ئەمما ھازىرچە ئالاھىدە ( ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش) ماشىنىلىرى، كىرا ماشىنىلىرى ۋە يولۇچىلار ئاپتۇبۇسلىرى راۋان قاتنايدۇ. يۈك ماشىنلىرى، ۋە ياردەم يۈك ماشىنىلىرى ھازىرچە قاتنىيالمايدۇ. مەزكۇر يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى شۇئاندا « ھاشد ئەل شەئبى» شىئە قۇراللىق كۈچلىرى قوغداۋاتىدۇ» دېدى.
دۇھوك، ئېربىل ۋە كەركۇك رايۇنىنى پايتەخت باغدادقا تۇتاشتۇرىدىغان شەھەرلەر ئارا تاشيولىدا 2015-يىلى 2-مارت رايۇندىكى رادىكال ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قاتناش توختىتىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved