25-يانۋار، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى ‹‹خاتىرىلەش كۈنى››. شۇ كۈنى، مىسىرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 11 كىشى قازا قىلدى.
سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە، فيوم قاتارلىق چوڭ ئۆلكىلەردىكى نامايىش پائالىيەتلىرىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.
مىسىردىكى ‹‹ئەلئېھرام گېزىتى›› تورىنىڭ مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 11 كىشى قازا قىلىپ، 30 كىشى يارىلانغان. مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋار مەملىكەت دائىرىسىدىكى توقۇنۇشتا جەمئىي ئاز دېگەندىمۇ 15 كىشى قازا قىلىپ، 35 كىشى يارىلانغان.
سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مىسىردا 23-يانۋاردىن باشلاپ يەتتە كۈن تەزىيە كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇ سەۋەبتىن، 25-يانۋار ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغان. 25-يانۋار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، مىسىر ھەربىي تەرەپ قاھىرە شەھەر مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانى قاتارلىق مۇھىم يىغىلىش سورۇنلىرىنى پېچەتلىگەن ھەمدە مىسىرنىڭ بىر قانچە مۇھىم شەھەرلىرىگە ھەربىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
مىسىردا 25-يانۋار يەنە نۇرغۇن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى خېلىيوپولىس رايونىدا ئىككى ساقچى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان، قاھىرەنىڭ شىمالىدىكى رايوندىمۇ بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
بۈنىڭدىن باشقا، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەتنىڭ 25-يانۋار مۇددىتى توشىدىكەن. شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مىسىر ئىچكى كابىنېتى مەزكۇر رايونلاردىكى جىددىي ھالەت ۋە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىشىنى قارار قىلغان.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىسىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتلىغان، ئارقىدىنلا مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 2012-يىلى 5-ئاي ۋە 6-ئايدا، مىسىردا ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇرسى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مىسىر ھەربىي تەرەپ مۇرسىنى دۆلەتنىڭ كىرزىسىنى ھەل قىلالمىغان، دېگەن باھانە بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان.
مۇرسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان، مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچىدە نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. مىسىر بىخەتەرلىك قىسمى بۇلتۇر 8-ئايدا مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا ئىككى قېتىملىق تازىلاش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەر ھەپتىدە ئوخشىمىغان كۆلەمدە نامايىش قىلىپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسىر چېگراسى ئىچىدىكى تەكشۈرۈش بېكەتلىرى، ساقچى ئىدارىلىرى قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسايىن كۆپەيگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved