ھىندىستاندا باسقۇنچىلىق دېلولىرى يامرىغاندىن كېيىن ئاياللار ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگەندى

     ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى، راھەت مېھمانسارىيىنىڭ ئايال خىزمەتچىلىرى 10 كۈن مەركەزلىك ئۆگەنگەن ئۆزىنى قوغداش ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا.


      ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى، راھەت مېھمانسارىيىنىڭ ئايال خىزمەتچىلىرى 10 كۈن مەركەزلىك ئۆگەنگەن ئۆزىنى قوغداش ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا.

   ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 22-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ پاختەختىدىكى ئاياللار بەس-بەستە ئۆزىنى قوغداش ماھارىتى ئۆگىنىش سىنىپىغا قاتنىشىپ، قارىمۇچ تۇمانلاشتۇرۇش دورىسى سېتىۋالغان. ئالدىن زاكاس قىلىنغان ئايال شوپۇر ھەيدىگەن تاكسىلارمۇ بالدۇر ئىشتىن چۈشۈشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللار ئالدىنقى ئايدا يامان خاراكتېرلىك مەجبۇرىي باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلاردىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ بارغانسېرى يوقاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، 23 ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇستا 6 نەپەر ئەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئارقىدىن يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا تاشلىۋېتىلگەن. بۇ ۋەقە پۈتۈن ھىندىستاننى چۆچۈتۈپلا قالماي، يەنە مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئاياللار بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامايىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

   خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن، ھىندىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىرقاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئەمما كۆپلىگەن ئاياللار يەنىلا «ساقچىلارنىڭ بىزنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ» دەپ قارىدى.

   18 ياشلىق بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى «يېڭى دېھلىنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن بىخەتەر بولماسلىقى ئاللىقاچان ھەممە بىلىدىغان ئىشقا ئايلاندى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇرۇنلا بىلەتتى، بۇ دېلو پەقەت ھەقىقەتنى ئاشكارە قىلدى» دېدى. ئۇ ھازىر تۇنجى قارارلىق ئۆزىنى قوغداش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.

   ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ ئىش ئاياللارنىڭ ئىشەنچىسىگە قاتتىق زەربە بەردى، بىزمۇ بۇنداق تۇيغۇدا بولۇشنى خالىمايمىز، بىز مەيلى كۈندۈزى بولسۇن ياكى كېچىسى بولسۇن قەيەرنى خالىساق شۇ يەرگە بېرىشنى، بىزدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ.»

   ئىگىلىنىشچە، يېڭى دېھلىغا «باسقۇنچىلىق شەھىرى» دېگەن نومۇسلۇق نام بېرىلگەن، بۇ شەھەردىكى ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان باسقۇنچىلىق دېلوسى ھىندىستاندىكى باشقا شەھەرلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. شەخسىي تاكسى زاكاس قىلالمىغان ياكى ئۆزىنى قوغداش دەرسىگە قاتنىشىشقا پۇلى يوق قىزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارىمۇچ تۇمانلاشتۇرۇش دورىسىمۇ خېلى يامان ئەمەس تاللاش ھېسابلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
10-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek