رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە ساقچى تەرەپ موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر كەنتتىكى كۇلۇبتا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى يىغىلىشىدا 53 ئادەمنى قولغا ئالدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ كىنىشكىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سالاھىيىتىنى دەلىللەش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ يېرىمدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىلگىرى جازا ئۆتىگەنلىك خاتىرىسى بارلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان تاپانچا، تۆت ‹‹راشنىكوۋ›› ماركىلىق ئاپتومات ۋە تۆت كىشىنى يارىلاندۇرىدىغان تاپانچا قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار بۇنىڭغا قارىتا دېلو تۇغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved