شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەكەن ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە باشلىققا زورۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسى سەۋەبى بىلەن چارە كۆرۈلدى
ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلار يېڭى خىزمەت ئورنىغا قويۇلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەندە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېرورلۇق دېلوسى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىدە جۈمە تايىر ئىمامنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جەھەتتە چارە كۆرۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، يەركەنت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلدى، مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆردى.
يەركەن ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك پارتكوم ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ يەركەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئېلىشقۇ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ئەزاسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم ئەزاسى، بىرلىك سەپنىڭ باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى كومىسسارى، شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، ئۆستەڭ بويى مەھەللە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، سىياسىي يېتەكچىسىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆردى؛ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسىغا مەمۇرىي جەھەتتىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆردى. (مۇخبىر لى يانەن)
مەنبە :خەلق تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved