17-دېكابىر سەھەر سائەت 4:50 لاردا، بىر 30 توننىدىن كۆمۈر يېغى قاچىلانغان ماي باكى ماشىنىسى قۇتۇبى ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدىكى دۆلەت يولى 312-لىنىيەسىنىڭ 88 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغاندا، تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن. بەختكە يارىشا ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرگەچكە، ئادەملەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. مۇخبىرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى قۇتۇبى ناھىيەلىك ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 4:56 ئۆتكەندە، بۇ ئوتتۇرا ئەترەت مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ماشىنا ئاجرىتىپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ماشىنىنىڭ ئارقا چاقى ۋە باك گەۋدىسى كۆيۈپ بولغان، يەنە باكتىكى مايلار ئېقىپ، 20 مېتىر دائىرىدە ئېقىن ھاسىل قىلغان. بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان.
ماي باكى ماشىنىسىنىڭ شوپۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قارامايدىن 30 توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر يېغىنى ئېلىپ، كۇچاغا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 3:00 لەردە، ئۇ ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانىدا دەم ئالماقچى بولغاندا، ئەنسىرەپ باك گەۋدىسىدىكى ماينىڭ قېتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز ماي باكى گەۋدىسىنىڭ ئارقىسىغا مەش قويۇپ قويغان. سائەت 4:50 لەردە، مېھمانخانىدا ئارام ئېلىۋاتقان شوپۇر سىرتتىن ئوت كۆيگەن ئاۋاز ئاڭلىغان ھەمدە دېرىزىدىن ئوت كەتكەن مەنزىرىنى كۆرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved