خەلق پۇلى يەنە بىر قېتىم پۇل پاخاللىقى يولىغا كىردى، پېرېۋوت نىسبىتى 6.38 يۈەن ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇ خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم جۇڭگو تەدرىجىي ئۇسۇل قوللاندى.
ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى تەھلىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشكەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى يەنە كەڭ كۆلەملىك ئارىلىشىش ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. جۇڭگونىڭ تۇيۇقسىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلىشى سەۋەبىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدى. بىراق ئارقىدىنلا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك بازارغا ئارىلىشىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشىنى توسىدى، لېكىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى تەسىرىدە، خەلق پۇلنىڭ تۆۋەنلەش بوشلۇقى نۇقتىئىنەزىرى ئىنتايىن كۆپ تىلغا ئېلىنغانىدى. نۆۋەتتە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى بىرقەدەر زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
لېكىن بۇ قېتىم، خەلق پۇلى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۇختا قەدەم بىلەن تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇ خىل يۈزلىنىش مەبلەغ سالغۇچىلارنى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بۈگۈنگە قەدەر بولغان 17 سودا كۈنى ئىچىدە، 14 سودا كۈنىدە خەلق پۇلى نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى چۈشۈرۈلدى، لېكىن ھەر بىر كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى ئانچە چوڭ بولمىدى. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى يۇقىرى ھالەتتىن، ھازىرغىچە جەمئىي تۆۋەنلەش نىسبىتى %1.2 ئەتىراپىدا بولدى.
بۇمۇ دوللارنىڭ قىممىتى چۈشۈش رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېلەر ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى باشلاش مۆلچەرى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. دوللارنى كۆزدە تۇتقاندا، خەلق پۇلىنىڭ دۇنيادىكى باشقا پۇللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتىنىڭ ئۆرلىمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved