خان مادرىد كۇلۇبى رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەيدان مۇسابىقىسى لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بېنزىمانىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى ۋە س لو نىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 70-توپىنى كىرگۈزۈشى بىلەن خان مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.

 

22 مىنۇت بولغاندا خان مادرىد كۇلۇبى ئۈستۈلۈككە ئېرىشتى. س لو بىلەن بېنزىما چوڭ چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئەتراپىدا ماسلىشىپ توپنى ج لو غا قايتۇردى. ج لو توپنى س لو غا پاس بەردى. قارشى تەرەپ بېكلىرىنىڭ ئالدىغا قىسىلىپ كىرگەن س لو توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. بۇ بىر توپ س لو نىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئامپىرد توپ مەيدانىدا كىرگۈزگەن تونجى توپى ھېسابلىنىدۇ.

 

30 مىنۇت بولغاندا ئاربىلويا ئىسكوغا كەسمە تۈز پاس بەردى. ئىسكو توپنى سولدىن ياخشى ئورۇن ئىگەللىگەن كىروسقا پاس بەردى. كىروس توپنى ۋاراتار ئالدىغا يايسىمان تاشلىدى. بېنزىما توپنى ئۈسۈپ ۋاراتارغا كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى.

 

41 مىنۇت بولغاندا خان مادرىد كۇلۇبى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كىرس سولدىن بۇلۇڭ توپ باشلىدى. ۋارانى بىرىنچى نۇقتىنى ئالدى. چەكلەنگەن رايۇن ئىچى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بېنزىما قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزۈۋەتتى. خان مادرىد كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

 

بېنزىما ئىككى توپ كىرگۈزدى. س لو بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ ئىككەيلن ئېرىشكەن نومۇر ئەڭ يۇقىرى. خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ مۇداپىئەسىمۇ ياخشى بولدى. ئىسكو مۇ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى.

 

لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

22-نومۇر مىنىيول. 2-نومۇر گىلۇن جونسون. 37 -نومۇر سىكىتار. 6-نومۇر روفلۇن. 18-نومۇر مورىنو. 8-نومۇر گېرراد. 14-نومۇر ھېندىسىن (67-مىنۇت بولغاندا ئېمىرجان ئورنىغا چىقتى.) 24-نومۇر جو ئاللېن. 31-نومۇر سىتىلىن. 10-نومۇر كۇدىنىيو (67 مىنۇت بولغاندا ماركوۋىچ ئورنىغا چىقتى.) 45-نونۇر باللوتېللى ( 46 مىنۇت بولغاندا رارانى ئورنىغا چىقتى.)

 

خان مادرىد كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

1-نومۇر كاسىللاس. 17-نومۇر ئاربىلويا. 3-نومۇر پې پې. 2-نونۇر ۋارانى. 12-نومۇر مارسىلو (84 مىنۇت بولغاندا ناچو بىلەن ئالماشتى.) 19-نومۇر مودرىچ. 8-نومۇر تونى كىروس (82 مىنۇر بولغاندا ئىللارا بىلەن ئالماشتى) 23-نومۇر ئىسكو. 10-نومۇر جامىس رودرىگۇس ( ج لو) 7-نومۇر س لو (75 مىنۇت بولغاندا ھېدىرا بىلەن ئالماشتى.) 9-نومۇر بېنزىما.



خەتكۈچلەر:
23-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول توېى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
01-05-2016
    ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا بېلنىڭ كىرگۈزگەن كاللا توپىسىغا تايىنىپ 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، شۇنداقلا بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى تالىشىۋاتقان رەقىبلىرىنىڭ بىسى...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا خانلىق جەمئىيەت بى...
01-05-2016
    5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا مېھمان مەيداندا خانلىق بېتىس بىلەن مۇس...
30-04-2016
     بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئاپرېل، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئورگان تورى خەۋىرى، 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇل، ئەزالار، كۇلۇب خادىملىرى مۇئاۋىن كۇلۇب باشلىقى خې چاڭجياڭنىڭ ...
30-04-2016
     رونالدونىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى زادى قانداق؟ ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىمۇ ئوخشاش ئەمەس، «ماركا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدونىڭ مۇسكۇلى يىرتىلىپ زەخمىلەنگەن. بىراق «Cope» تېلېۋىزىيە ئىستانىسىن...
30-04-2016
   چۆچەك داۋاملاشماقتا، لېيچېستېر شەھىرى كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز شەھىرىنىڭ قەھرىمانلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، لېيچېستېر شەھىرىدىكى...
30-04-2016
     مادرىد ئاتلېتكا ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يوتىسى يارلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ئۇراگۋايلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گودىن بۈگۈن كوماندىدىكىلەر بىلەن مەشىققە قاتناشقان، «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشى...
30-04-2016
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانى بېرنابېئۇدا كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى مانچېستىر شەھىرىنى كۈتىۋ...
Powered by Leglek