جاڭ چۈنشىيەن ئۈرۈمچىدە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىرۇسىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن 4-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ،،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ،خەلق ھۆكۈمىتى ،سىياسىي كېڭەش ،شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ،ئۈرۈمچى شەھرى مىچۈەن كۆك تاغ رايونىنىڭ قەشقەر يولىدىكى شەرققە ئۇزارتىلغان يول بويىدىكى كۆكەرتىش قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ ،مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پاراسىتىگە قاتناشتى

.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئەمگەك مەيدانىغا بېرىپلا ،مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىۋاتقانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كۆچەت تىكتى .جاڭ چۈنشىيەن جۇ خەيلۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ كۆچەتنى ئورەككە سېلىپ ،توپا تىندۇرۇپ ،ئاندىن توپىنى چىڭىتتى .جاڭ چۈنشىيەن ھەربىر تۈپ كۆچەتنى تىككەندىن كېيىن پىئونېرلار بىلەن بىرلىكتە چېلەكتە سۇ توشۇپ ،كۆچەتنى سۇغۇردى ،بالىلاردىن ئۆگىنىش تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك 116-باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن پىئونېر لى لىنخەن:

‹بىز بۇ كۆچەتلەرگە ئىتتىپاقلىق كۆچىتى دەپ ئىسىم قويدۇق ،ھەر قايسى مىللەتلەر خۇددى مۇشۇ كۆچەتلەرگە ئوخشاش يىلتىزى بىر -بىرىگە تۇتاشقان بولىدۇ ،بىزمۇ ھەم خۇددى مۇشۇ كۆچەتلەرگە ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولىمىز ›دېدى .

جاڭ چۈنشىيەن كۆچەت تىككەچ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئاساس سېلىشقا ،ئەخلاقىي پەزىلەت ،ئەقلىي قابىلىيەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىدىغان جاپادىن قورقمايدىغان روھ يېتىلدۈرۈپ ،تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەپ ئۇنۋېرسال ئىقتىساسلىقلاردىن بۇلۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە بالىلارنى خۇددى مۇشۇ كۆچەتلەرگە ئوخشاش ساغلام چوڭ بۇلۇپ ،ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلدى .

كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا نۇر بەكرى ،شۆھرەت زاكىر ،نۇرلان ئابىل مەجۈن خەن يۇڭ ،تۇڭ يۇڭ ،خۇاڭ ۋېي ،شەۋكەت ئىمىن ،سۇڭ ئەيرۇڭ ،بەي چىچى ،ئەركىنجان تۇراخۇن ،شىڭ شۈەنگو ،غانىبات سەبۇكەي ،لى شۈجىن ،لىيۇۋ شىنجى قاتارلىق رەھبەرلەر ئىككى ئۈچتىن بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ ،قىزغىنلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىدى .مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش ،ئېكولوگىيىسى ياخشى رايون قۇرۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزدى . بەش يىلدىن بۇيان ،ئۈرۈمچى شەھرى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا بەش مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ،كۆكەرتىلگەن كۆلەمنى 272مىڭ 600مو كۆپەيتتى .

ئۈرۈمچىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى 2009-يىلىدىكى 34.25% تىن ئېشىپ ،2013-يىلى 37.07%كە ،قۇرۇلۇپ بولغان رايونلارنىڭ يېشىللىق نىسبىتى 31.25%تىن34.07%كە يەتتى . بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھرى مەملىكەت بويىچە باغ بارانلاشتۇرۇلغان شەھەر بۇلۇپ باھالاندى ،ئۈرۈمچى شەھرى قۇرۇلۇپ بولغان رايونلارنىڭ يېشىللىق نىسبىتىنى 35%تىن ،كۆكەرتىش نىسبىتىنى 40%تىن ،شەھەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە كۆكەرتىش كۆلىمىنى 11كۋادرات مېتىردىن ئاشۇرۇش ،شەھەر كوچىلار بويىنى كۆكەرتىش نىسبىتىنى 100% كە يەتكۈزۈپ ،مەملىكەت بويىچە ئېكىلوگىيىلىك باغ-بارانلاشقان شەھەر قاتارىغا كىرىش نىشانىنى بېكىتتى .

كۆچەت تىكىش نۇقتىسىدا كۆپچىلىك تەرلەپ -پىشىپ ئىشلىدى ،جاڭ چۈنشىيەن 14 قارىياغاچ كۆچىتى تىكتى ،ئۇ كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا مۇنداق دېدى :‹بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە دەرەخ كۆپەيدى ،يېشىللىق كۆپەيدى ،بازار كېلىشى بىلەن شەھەر تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىپ ھاياتى كۈچكە تولدى ،يېشىللىق بولغاندا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ،شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىسى ئېغىر ،ھەممەيلەن يېشىللىق بەرپا قىلىش ،يېشىللىقىنى سۆيۈش ،يېشىللىقىنى تەشۋىق قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ،ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ئۈرۈمچىنى تەڭرىتاغ بوستانىدىكى ئېكىلوگىيىلىك باغۋارانلاشتۇرۇلغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك

›.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek