جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: گېرمانىيە فېدرال پارلامېنت باشلىقى نوربىرت لامىرت كىلەر ئايدا گېرمانىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغان مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنى مىسىردىكى ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلىنماسلىقى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇردى. گېرمانىيە فېدرال پارلامېنتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پارلامېنت باشلىقى نوربىرت لامىېرت، مىسىرنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن پارلامېنتتا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ مىسىردىكى يېقىنقى كۈنلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا؛ « مىسىردا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئۆكتىچىلەر سېستىمىلىق قولغا ئېلىنماقتا، سابق پارلامېنت باشلىقى سائاد قەتتانى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى چىقىرىلغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز» دېيىلگەن. لامىېرت مىسىردىكى ئىچكى تىنچلىق ۋە دېموكراتىك تەرەققىياتقا ھەسسە قوشمايدىغان بۇ خىل ئەھۋالدا پرېزىدېنت سىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەللىرى مىسىردىكى 3-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئوچۇق شەكىلدە ئەيىبلىمىدى. بىر قانچە غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى «ھەربىي ئۆزگىرىش» سۆزىنى تىلغا ئالمىدى، يەنە بىر قانچە رەھبەرلەر ئىنسانىي ھۇقۇق تەڭپۇڭسىزلىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇردى. مىىسردا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەختكە چىققان پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى ماي ئېيى بېشىدا ئىسپانىيەگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئىسپانىيە پادىشاھى تەرىپىدىن «رادىكال دىنچىلار بىلەن كۈرەش قىلغان قەھرىمان» دەپ قارشى ئېلىنغان ئىدى.
مۇرسى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان مىسىردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا مىڭدىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتىدىن نەچچە يۈز كىشى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سىسى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. مىسى سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە قاراپ چىقىلغان «جاسۇسلۇق» ۋە « تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىش» دېلوسىدا مىسىرنىڭ سابق پرېزىدېنتى مۇرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 106 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved