ياپونىيە خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 19-نويابىرنىڭ ئالدى كەينىدە ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدىكەن، ئەگەر بۇ قارار يولغا قويۇلىدىغان بولسا، بۇ ئاۋام پالاتاسى چوڭ سايلىمى ۋاقتىنىڭ ئەسلىدىكى پىلاندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىشنى تۇيۇقسىز جاكارلىنىشى، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ چوڭ سايلامغا تاقابىل تۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ئابې شىنزو رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ پالامېنىتتىكى ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن پايدىلىقكەن. بىراق، ئابې شىنزو كابىنېتىنىڭ قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ھازىرقى ئورنىنى ساقلاپ قىلىش قالالماسلىقىنى ھازىر بىر نېمە دېگىلى بولمايدىكەن. بۇندىن كېيىنكى بىر ئايدا، ياپونىيە سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved