ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى» ئاتامانىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە نەق زەربە بەردى. ئەمما باغدادىنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس، ئىراق نەچچە قېتىم «باغدادىنى ئۆلتۈردۇق»،«يارىلاندۇردۇق» دەپ خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خەۋەر دەلىللەنمىگەن.
ئامېرىكا ئىراقتىكى جەڭنىڭ نەتىجىسىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، باغدادى ئۆلگەن تەقدىردىمۇ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تارمار بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيەمۇ «ئىسلام دۆلىتى» گە قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ؛ بۇ ھەرىكەت ئىراقلىقلارغا روسىيە كېيىنچە ئىراقتىكى «ئىسلام دۆلىتى»گىمۇ زەربە بېرىدۇ، دېگەن ئۈمىد ئاتا قىلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش مۇرەككەپلىشىشكە باشلىدى.
بەشار ھۆكۈمىتىمۇ روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويغان زېمىنىنى قايتۇرىۋېلىشقا باشلىدى. روسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئېرىشكەن نەتىجىسى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ جەڭ نەتىجىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ھەتتا ئىراق ۋە سۈرىيە خەلقى پۇتىندىن زور ئۈمىد كۈتۈپ ئۇنى «قۇتقۇزغۇچى» دېيىشتى.
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قىرىمدىن سۈرىيەگە ئوڭۇشلۇق يۆتكىدى. ئەگەر سۈرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش پۇتىننىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قالسا، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ۋە غەلىبىلىك بولغان بولىدۇ.
روسىيىنىڭ كەسكىن ھۇجۇمى بىلەن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەكلىرى نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىنى بىتچىت قىلدى. دېمەك، روسىيىنىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسى ئامېرىكىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئىراقنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسىنى يەنە داۋاملىق باھالاشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن بولغان ئۇرۇش ئۇنداق تېز ئاياغلاشمايدۇ. چوڭ دۆلەتلەر ئۆزئارا ياخشى ماسلاشمىسا، بۇ ئۇرۇش ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى تېخىمۇ كەسكىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved