كورېيە ‹‹مەركەز ئاگېنتلىقى››نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە چېگرا بېجى نازارىتى 29-مارت يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىكى كورېيەنىڭ ۋېلىسپىت ئىمپورت قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان، تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كورېيەدىكى ئىمپورت ۋېلىسپىتلارنىڭ %99 ى جۇڭگودىن كىرگەن، يەنى كورېيەدىكى ئىمپورت قىلىنغان ھەر 100 ۋېلىسپىتنىڭ 96 سى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن، ئالتىسى جۇڭگو تەيۋەندىن كىرگۈزۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كورېيە 100 مىليارد ۋون مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە ۋېلىسپىت يولى ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ جۇڭگوغا تېخىمۇ ئامەت ئېلىپ كەلگەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدا كورېيەنىڭ ۋېلىسپىت ئىمپورت سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.8 ئېشىشنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، 2014-يىلى 210 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، جەمئىي 1 مىليون 920 مىڭ دانە ۋېلىسپىتنى ئىمپورت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋېلىسپىت ئىمپورت قىلىش دۆلىتى بولۇپ، %95.5 نى، ئۇنىڭدىن قالسا جۇڭگو تەيۋەن بولۇپ، %3.6 نى ئىگىلىگەن، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلىساق، كورېيەنىڭ جۇڭگودىن ۋېلىسپىت ئىمپورت قىلىش نىسبىتى %99.1 كە يەتكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved