شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدە 6-دېكابىر يەنە بىر قېتىم قاتتىق قار ياغدى، قاتناش ساقچى، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئالتاي تاشيول ئوچاستىكىسى قاتارلىق تارماقلار جىددى تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق قار ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرگە تاقابىل تۇردى.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 6-يانۋار كۈندۈزدىن 7–يانۋار كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە قومۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 7 ~ 8 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يول يۈزىنىڭ مۇز تۇتۇپ كېتىشى توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.
![]() |
ئالدىنقى كۈنى، فوتوگراف Steven Stockhall بوتسىۋانادىكى جوب دۆلەتلىك باغچىسىدا شىرنىڭ پاختەك تۇتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تارتقان.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاختەكلەر سۇ بويىدا سۇ ئىچىۋاتقان بولۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved