مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 9-ئىيۇل سائەت 20:00 گىچە بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 85 ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن ، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 153 ئېغىز ئۆي بۇزۇلغان .
قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تەۋرەش مەركىزى مەكىت ناھىيە بازىرىدىن 71 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىدىن 197 كىلومېتىر ، مارالبېشى ناھىيەسىدىن 57 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسى ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى ، سېرىقبۇيا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان .
نۆۋەتتە ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيدانلارغا بېرىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئەھۋاللار يەنىمۇ ئېنىقلىنىۋېتىپتۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved