مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر چوڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئارمىيەنىڭ سابىق رەھبىرى سېسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. سېسى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، مىسىرنى باشلاپ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى كەسكىن داۋالغۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئىسلاھات، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتى يولىدا مېڭىش-ماڭالماسلىقى-مىسىر، ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىگە ئايلاندى.
بۇ قېتىمقى مىسىر چوڭ سايلىمىدىكى ئىككى سانلىق مەلۇماتنىڭ بىرسى يۇقىرى، بىرسى تۆۋەن بولدى، بۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. يۇقىرى بولغىنى شۇكى، سېسى %90 تىن ئارتۇق قوللاشقا ئېرىشتى. بۇ-سېسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مىسىرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانماستىن، ئەكسىچە، توختاپ قالدى، ھەتتا چېكىنىپ كەتتى، بارغانسېرى كۆپ مىسىر ئاممىسى مەلۇم مەنىدىن سىياسىيدا كۈچلۈك بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلدى. ئاممىنىڭ سېسىدىن كۈتكەن ئۈمىدى-ئۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم.
تۆۋەن بولغىنى شۇكى، ئاممىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئاۋاز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن بولدى. ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى سالمان 27-ماي كەچتە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى كۈنلۈك ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %37 بولۇشى مۇمكىن دېدى. ئاۋاز بېرىش مۇشۇ سەۋەبتىن بىر كۈن ئۇزارتىلدى. بۇ بىر تەرەپتىن مىسىر ئاممىسىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى شۇنداقلا مىسىر جەمئىيىتىنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلرايىدىكى ئېغىر ئىختىلاپ ۋە سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەلىپى-سېسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولىدىكى مۇقىمسىز ئامىلغا ئايلىنىدۇ.
بۇ خىل مۇقىمسىز ئامىل سايلام جەريانىدىمۇ ئاشكارىلاندى. مەسىلەن: سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنى قوللايدىغان پارتىيەلەر سېسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىنىڭ قانۇنلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىدى؛ بۇلتۇر ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىش بولغان جاينى تازىلاش ھەرىكىتى بىر قىسىم ياشلارنىڭ سېسىغا بولغان نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ئۇزۇن مۇددەت ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە چىرىكلىك سەۋەبىدىن، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى توختاپ قېلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق دولقۇنىدا ئامالسىز تەختتىن چۈشتى. ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇۋېلىشنىڭ قايمۇقتۇرۇشىنى توسۇپ، ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك ئايرىپ، زامانىۋى دۆلەت رامكىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىنى مۇۋاپىق سىغدۇرۇش-سىغدۇرالماسلىق-سېسىغا بولغان بىر چوڭ سىناق.
سېسى دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر مۇھىم سىناق-قىسقا مەزگىل ئىچىدە سىياسىي يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قايتا ئورنىتىش-ئورنىتالماسلىق. بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام مىسىرنىڭ 2-قېتىملىق دېموكراتىك سايلىمى بولدى. تۇنجى قېتىم خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىن كېلىپ چىققان مۇرسىنىڭ بۇلتۇر ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۇ دىندىن خالىي كۈچلەر بىلەن دىنىي كۈچلەرنىڭ ئېلىشىش قاينىمىغا پېتىپ قېلىپ، جەمئىيەتتىكى داۋالغۇش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى توسالمىدى، سىياسىي يارىشىش جەھەتتە مەغلۇب بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇرسى تەختتىن چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر، ھەربىي، ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى. مۇرسى ئىلگىرى چۈشۈپ قالغان قىيىن ئەھۋالغا سېسىمۇ دۇچ كېلىدۇ.
مىسىر جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ قارىدى: تەرەققىيات-بىر دۆلەت ئاممىسىنىڭ ئەڭ تۈپ تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى مىسىر ئاممىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە. مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ئىسلاھات-كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. مىسىر ئۇزۇندىن بۇيان ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىككە قارىتا، يۇقىرى سوممىلىق تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مالىيەسىنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇڭا قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يۈكنى يېنىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇندىن باشقا، كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يەنە مالىيە كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىنى قوزغىتىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئىلگىرى داۋالغۇش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى پۇتلىكاشاڭلار-مىسىر يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي پاراسىتىنى سىنايدۇ. بۇ-سېسىنىڭ يېڭى مەنزىلى شۇنداقلا مىسىرنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. كىشىلەر چوڭ سايلامدىن كېيىنكى مىسىرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى كۈتمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved