ئېچىۋېتىلگەن بۈگۈنكى دەۋردە كىشىلەرنىڭتۇرمۇش سەۋىيەسىدە،ئىستېمال ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش، بۇنداق مۇھىت بالىلارنىڭ ئېڭىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.شۇڭا بەزى بالىلاردابەتخەجلىككە، ئىسراپخورلۇققا بېرىلىشتەك يامان ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق يامان ئىللەتلەرنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالىلارداكىچىكىدىن باشلاپ ئىقتىسادچىل بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. بۇھەقتە ئويلىغانلىرىمنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدۇم:
.1 بالىلارغا ئىقتىسادچىل بولۇش تەربىيەسى بېرىشتە ئاتا– ئانىلار ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بالىلاردىكى بەتخەجلىك، ئىسراپخورلۇق، پۇلپەرەسلىك،شۆھرەتپەرەسلىك ئىللەتلىرى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي شەكىللىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ يىلتىزىبولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بالىلار بىلەن بىۋاسىتە، قويۇق ئالاقىدە بولىدىغان ئاتا – ئانىلاردۇر. ئاتا – ئانىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، گەپ – سۆزلىرى، ئادەتلىرى بالىلارغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بەتخەج، پۇلخۇمار، شەخسىيەتچى بولسا بالىلارنىڭ تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل، كۆيۈمچان ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن. شۇڭا بالىلارغا ئىقتىسادچىل بولۇش،بەتخەجلىك قىلماسلىقتوغرىسىدا تەربىيە بەرگەندە ئاتا – ئانىلار ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
.2 ئاتا – ئانىلاربالىلارنىڭ ئالدىدا قىممەت باھالىق كىيىم– كېچەك، زىبۇ زىننەت، يۇقىرى ئىستېماللىقئورۇنلاردا غىزالىنىش توغرىسىدا تالاش –تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بالىلارمۇشۇنداق پاراڭلارنىئاڭلاپ چوڭ بولسا، ئۇلاردا ئىقتىسادچىللىق، ئاددىي – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئېڭىنىڭشەكىللىنىشىگە تەسىريېتىدۇ.
.3 بالىلارغائىقتىسادچىللىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىشتە ئاتا – ئانىلار بىردەك بولۇشى لازىم. ئائىلە تەربىيەسىدە ئەر– خوتۇننىڭ گېپى بىريەردىن چىقمىسا بولمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلىلەردىكى زىددىيەت ئەر – خوتۇننىڭپىكرىدە ئورتاقلىق بولماسلىقى، بىر – بىرىدىن يوشۇرۇنچە بالىلارغا پۇل بېرىشى، نەرسە – كېرەك ئېلىپ بېرىشى، بىرسى بالىغا تەربىيە بەرسە، يەنە بىرسىنىڭ بالا تەرەپتەتۇرۇۋېلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىبولمايدۇ. شۇڭا ئاتا– ئانىلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
.4 ئاتا– ئانىلار پەرزەنتلىرى يىغقان پۇلنى ئېلىۋالماسلىقى كېرەك. بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھېيت – بايراملاردا يىغقان پۇللىرىنى ئېلىۋالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلارپۇل يىغساممۇ بەرىبىرئېلىۋالىدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە خەجلىۋەتكىنىم ياخشىكەن، دەپ ئويلايدۇ – دە، قولىغاكىرگەن پۇلنى خەجلىۋېتىشكە ئالدىرايدىغان،پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا– ئانىلار پۇل جىددىيزۆرۈر بولۇپ قالغانتەقدىردىمۇ بالىلار يىغقان پۇلنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۇلارنى داۋاملىق پۇل يىغىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم.
يۇقىرىدا بالىلاردائىقتىسادچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختالدۇق. ماھىيەتتە، بالىلار تەربىيەسى توغرىسىدا ھەممە ئائىلىگە ماسكېلىدىغان بىرلىككەكەلگەن تەربىيە ئۇسۇلى يوق. ئەمما، تەجرىبىدىن ئۆتكەن، تەتبىقلاپ بېقىشقا بولىدىغان، كىشىلەر قوللىنىپ مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ياخشى ئۇسۇللار بار. ئاتا – ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق،دەپ قارىسا شۇنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ.
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved