فىرانسىيەنىڭ بىرقانچە سوقۇش ئايروپىلانى 23-فېۋرال دىگول ناملىق ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇپ، ئىراققا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە، ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بىرىشكە يۈرۈش قىلدى. فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى رودلىيون: فىرانسىيە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىدىگە يۈز تۇرانە قارشى تۇرىدۇ دېدى.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئەرباب مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى 4 سوقۇش ئايروپىلانى بەھرەيىنگە 200 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ساھىلىدە كېتىۋاتقان دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكىدىن شىمالغا ئۇچۇپ، بەھرەيىندىن ئىراققا ئۇچۇپ كەتتى، تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتلەردىن كېيىن نىشانغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ فىرانسىيەنىڭ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن ئۇچقانغا قارىغاندا خېلى ۋاقىتنى تېجەپ قالالايدۇ.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا فىرانسىيە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا غەرب شىمال شاملى ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى باشلاپ، ئىراق ۋە شام ئسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە قاتناشقان ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نىشانلىرىنى 2مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بومباردىمان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە يۈز قېتىم رازۋېتكا قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى ۋە نۇرغۇن قېتىملىق بومباردىمانغا قاتناشتى.
ئىراقتىكى ۋەزىپىگە يەنە فىرانسيەنىڭ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەربى بازىسىدا ئورۇنلاشتۇرغان 9 سوقۇش ئايروپىلانى، بىر دېڭىز ئۈستى چارلىغۇچى ئايروپىلانى ۋە بىر ماي قاچىلاش ئايروپىلانى شۇنداقلا ئىئورندانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 كۆلەڭگە ناملىق سوقۇش ئايروپىلانى قاتناشتى.
فىرانسيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رودلىيون 23-فېۋرال كەچتە دېگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكىغا باردى ھەمدە ئاۋىياماتكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورچىلار خەلقىمىزگە ، مەنپەئەتىمىزگە، قىممەت قارىشىمىزغا تەھدىد قىلماقتا، فىىرانسىيە ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ، ئىراق ۋە كورد ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ھاۋادىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى كېڭەيتىشىنى توسۇش ۋە ئالدىنقى سەپنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق، بۇ بىزنىڭ دەسلەپكى نىشانىمىز، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
رودلىيوننىڭ دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە مۇخبىر ئەۋەتكەن فىگارو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شۇ جاينىڭ ۋاقتى 23-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، فىرانسىيە ئىراقتا بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋە يولغا قويۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھاۋا ھۇجۇمىنى تاماملىغان.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئەرباب مۇنداق دېدى: دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكا بۇ يىل 13-يانۋار فىرانسىيەدىكى شىرۇن پورتىدىن ئايرىلىپ، تەخمىنەن 5 ئايلىق ھەربىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 8 ھەپتىدە بۇ ئاۋىياماتكا پارىس قولتۇقى رايونىدا فىىرانسىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەركىتىگە ماسلىشىدۇ.
دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكا ئوتتۇرا دېڭىز، قىزىل دېڭىز ۋە ئادىن قولتۇقىدىكى ئىككى ئايلىق ھەرىكەتنى تاماملىغاندىن كېيىن 15-فېۋرال پارىس قولتۇقى رايونىغا كەلدى.
دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكا بىر ھۇجۇمچى چۆكمە پاراخوتى، بىر ماي قاچىلاش پاراخوتى ۋە بىرقانچە قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئېلىپ يۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيەنىڭ چۆكمە پاراخوتقا قارشى بىر مۇھاپىزەت پاراخوتى بار، ئاۋىياماتكىدا ئۆتكۈنچى شامال ناملىق 12 سوقۇش ئايروپىلانى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ھەربى بايراق ناملىق 9 ھۇجۇمچى ئايروپىلان بار، بۇ فىرانسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھاۋادىن ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، ئاۋىياماتكا ئەترىتىدە 2700 نەپەر فىرانسىيە ھەربى خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ 2مىڭى دىگاۋلى ناملىق ئاۋىياماتكىدا خىزمەت قىلىدۇ.
دىگوۋ ناملىق ئاۋىياماتكا فىرانسىيەنىڭ بىردىن بىر يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك ئاۋىياماتكا، ئۇنىڭغا 30 دىن ئارتۇق ھەر خىل سوقۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچار سىغىدۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا بۇ ئاۋىياماتكا پارىس قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكياندا ۋەزىپە ئىجرا قىلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋە فىرانسىيەنىڭ لىۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھەربى ھەرىكىتىگە قاتناشتى.
بۇ يىل 4-ئايدا بۇ ئاۋىياماتكا ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved