ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى چاڭجياڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى قاتناش ساقچىلىرى 16-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خېيلۇڭجىياڭ يولى ئېغىزىدا يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارغا بىرمۇ بىر سەپسېلىپ بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان ئەھۋاللارنى تەكشۈردى .
مۇخبىرنىڭ 16-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 1-دېكابىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹ بىخەتەرلىك تاسمىسى ـــ ھاياتلىق تاسمىسى ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى شوپۇر ۋە يولۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش باسقۇچىدىن ئۆتكەن . قاتناش ساقچىلىرى 16-دېكابىرىدىن باشلاپ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ھالدا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان شوپۇر ۋە يولۇچىلارغا قارىتا جەرىمانە قويۇش تەدبىرىنى يولغان قويغان .
مۇخبىر 16-دېكابىر قاتناش ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ ، بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىقتەك ئەھۋالنى بايقىمىغان ، شۇنداقلا قاتناش ساقچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە بىرمۇ جەرىمانە تالونى يازمىغان .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved